ئەجابا بىز باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە سەۋەبچىمۇ؟!

ھاياتىمىزدا ھەممىمىز كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك گەپ-سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ يامان گېپىمىزنى قىلىشى ئۇنچە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ بىزگە پۇرسەت بېرىپ ئوخشاش بىر سوئالنى سىزگىمۇ، ماڭىمۇ تاشلىدى. بۇنىڭغا قانداق جاۋاپ بېرىش پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە باغلىق، ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ ۋەھى نۇرى كۆرسەتكەن بويىچە جاۋاپ بەرسەك ئىمتاھاندىن ئۆتەلەيمىز، ئەگەر باشقا ئۇسۇلدا جاۋاپ بەرسەك ئۆتەلمەيمىز.
نىمىشقا؟
ئەگەر بىزدىن بىرى سورىسا، قايسى بىرىمىز «ھازىرغا قەدەر ھېچكىم مېنىڭ بىرەر ئېغىزمۇ يامان گەپ قىلىپ باقمىدى، غەيۋىتىمنى قىلىپ باقمىدى» دېيەلەيمىز؟! ھېچكىم بۇنداق دېيەلمەيدۇ! ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، بوۋاقلارمۇ تۇغۇلغاندىن باشلاپلا كىشىلەر ئۇلار توغرىسىدا ئۇنى-بۇنى دېيىشكە باشلايدۇ. ئۇنداقتا دۇنياغا تۆرىلىش بوۋاقنىڭ خاتالىقىمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق!  پەقەت كىشىلەر بوۋاقنىڭ چىرايى ياكى بەدىنىدىكى بەزى ئوخشىماسلىقلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ خالاس!
دېمەككى ئىنسانلا بولىدىكەنمىز كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك گەپ-سۆزلىرىدىن قۇتۇلالمايمىز، مۇھىم بولغىنى ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغاننى كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قارىماستىن داۋاملاشتۇرۇش ۋە بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئارقىدىن گەپ قىلماسلىق.