ھەققىمىزدە

ئىلىميار گۇرۇپپىسى

ئۇيغۇر مىللىتى بوۋىمىز سۇلتان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان مۇبارەك ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان دىيارىمىزنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورۇتتى. ئەسىرلەر مابەينىدە خاقان-سۇلتانلىرى، ئالىم-ئۆلىمالىرى، مۇجاھىد-سەرۋازلىرى بىلەن ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا ئىسلام قۇياشىنى پارلىتىپ ئىسلامنىڭ «شەرقىي قورغىنى» بولۇپ كەلدى. ئەمما كېيىنكى بىر قانچە ئون يىل جەريانىدا ئەركىنلىكىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن چەكلىنىشى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى ئەركىنلىكىمىزنىڭ تارتىۋېلىنىشى، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى دىنىمىزغا قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىكلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە دىنىي چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ يېتەرسىز ۋە خاتا بولۇشى، پىكىرلەرنىڭ بۇرمىلىنىشى، دىنىي پىكىر پاخاللىقى... قاتارلىق خىلمۇ-خىل مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بىرلىكى بارا-بارا پارچىلىنىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتە ئىسلام بىلىملىرى ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىنىپ، ياشلارنىڭ دىنىي ئىزدىنىشلىرى ۋە قىزىقىشلىرىغا ياشلار تىلىدىن جاۋاپ بېرىدىغان، ياشلارنىڭ دىنىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ "ئەي يىگىت، ئۆگەن! جاھالەت نومۇستۇر. جاھالەتكە ئېشەكتىن باشقىسى رازى بولمايدۇ". دېگەن تەلىماتىغا ئاساسەن، مەمتېلى ئەپەندىنىڭ "ئىلىم بىلەن تىكلىنەر ئىناۋىتىمىز، ئىرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز". دېگەن شۇئارى ئاستىغا زىچ ئۇيۇشۇپ 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى (ھىجرىيە 1441- رامىزان ئېيىنىڭ 1- كۈنى) «ئىلىميار گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىقتۇق. 


نىشانىمىز: 

1. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەشكىلىي بىرلىك ھاسىل قىلىش. 

2. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاش.

3. ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن دىنىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش. 

4. ياشلار ئارىسىدا دىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىش.

5. دىنىي ساھەدىكى ئىلمىي بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش.

 


ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاسايىشلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.

 


2020/07/01  ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى