ئىمام ئەۋزائىي
ئۇمەۋىيلەر خىلاپىتىنىڭ ئاخىرى، ئابباسىيلار خىلاپىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ شام، مەغرىپ، ئەندەلۇس دىيارلىرى ئىسلام فىقھىسىنى بىلىش ۋە رەسۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلىشتا مەشھۇر بولغان نۇرغۇنلىغان فەقىھلەر ۋە مۇھەددىس ئالىملار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئوخشاش بىر دەۋردە بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىدىلا بىر قانچىلىغان مۇجتەھىد فەقىھلەر چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ مەزھەبلىرى بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر تارقىلىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ؛ يەنە بەزى ئالىملارنىڭ كۆزقارىشى ۋە مەزھىبى يېتىپ كېلەلمىگەن. ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھنىڭ تولۇق ئىسمى (ئابدۇراھمان ئىبنى ئەمر ئىبنى يۇھمەد ئەلئەۋزائىي) بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 88- يىلى بۈگۈنكى لۇبناننىڭ «بەئلەبەككە» شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. تەقۋادار مۇجتەھىد ئالىم ئىمام ئەۋزائىي ھىجرەتنىڭ 157- يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 28- كۈنى ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولىدۇ. بۈگۈن سېلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ئالىمىمىز، ئۆز زامانىسىدىكى شام دىيارىنىڭ ئۆلىماسى، مۇجتەھىد، فەقىھ، مۇھەددىس ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھتۇر. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! تارقىتىپ قويغايسىز! ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى #ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى #ئىسلام_ئىلىملىرى #مەشھۇر_شەخىسلەر #ئىمام_ئەۋزائىي #مەزھەب #فىھقى #ئالىم _ئۆلىمالار