ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ
پۈتۈن ھاياتىدا ئىلمى تەتقىقاتتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولماستىن، پەقەتلا ئىلىم ئۆگۈنۈش، ھەدىسلەرنى جەملەش، فىقھى ھۆكۈم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى كىشىلەرگە بايان قىلىش يولىدا خىلمۇ-خىل جەۋر جاپا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان، ئىلىم سورۇنلىرىدىن زورلۇق بىلەن كىشەنلىنىپ قامچىلار بىلەن ئۇرۇلۇپ ئەزىيەت بېرىلگەن، ئىلىم ئۆگۈتۈشتىن چەكلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلاردا نەزەربەنت قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆمرىنى ئىسلام يولىدا پىدا قىلىشقا رازى بولغان دارۇسسالام (مەدىنە مۇنەۋۋەرە) ئىمامى، ئۆز ئەسرىدىكى فەقىھلەر ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ شەيخى شەيخۇل ئىسلام «ئىمام ئەھمەن ئىبنى ھەنبەل» رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھېجرىيە 164-يىلى باغداتتا تۇغۇلغان ۋە ھېجرەتنىڭ 241- يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12- كۈنى جۈمە كۈنىدە 77 يېشىدا كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولغان. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! تارقىتىپ قويغايسىز! ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى #ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى #ئىسلام_ئىلىملىرى #مەشھۇر_شەخىسلەر #ئىمامئەھمەدئىبنى_ھەنبەل #مەزھەب #فىھقى #ئالىم _ئۆلىمالار