ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ھىجرىيە 93-يىلى شۇ زاماننىڭ ئىلىم-مەرىپەت بۇلاقلىرىدىن بىرى بولغان مەدىنە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ئەنە شۇ بۇلاقتىن قېنىپ-قېنىپ ئىچىشكە مۇيەسسەر بولغان. ئىلىم دېڭىزغا چوڭقۇر چۆككەن بۇ زات ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ھەدىس كىتابى ھېسابلىندىغان (مۇۋەتتا) ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يېزىپ چىقىدۇ. شۇنداقلا بۇ كىتاب پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنى توپلىغان بىرىنچى كىتاب ھېسابلىنىدۇ. دۇنياغا ئىلىم نۇرىنى چاچقان، مۇسۇلمانلارغا قانداق سەبىر قىلىش، تىرىشىش ۋە ھېممەت قىلىشنى ئۆگەتكەن، فىقھىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك تۈۋرۈكلىرىدىن بىرىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەن ئۇلۇغ مۇجتەھىد ئىمام مالىك، ھىجرىيە 179- يىلى كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولىدۇ. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! تارقىتىپ قويغايسىز! ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى #ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى #ئىسلام_ئىلىملىرى #مەشھۇر_شەخىسلەر #ئىمام _مالىك #مەزھەب #فىھقى