ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ ھىجرەتنىڭ 150- يىلى، يەنى ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ ۋاپات بولغان كۈنى غەززەدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئىسمى: مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئى دۇر. ئىمام شافىئىنىڭ نەسەبى قۇرەيش جەمەتىگە، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ قېرىندىشى ھاشىمغا تۇتىشىدىغان ئېسىل نەسەبتۇر. ئىمام شافىئى ئۆسمۈر چېغىدىلا قۇرئان كەرىم يادلاش ۋە ئەرەب سەھرالىرىدىكى قەبىلىلەرىدىن ساپ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئەرەب تىلى پاساھىتىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى جىسمانىي جەھەتتە چېنىقتۇرۇشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. ئوقيا ئېتىش، ئات مىنىش ۋە ھەرخىل جەڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ يېتىشىدۇ. ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ ھىجرەتنىڭ 204- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىدە كېسەل سەۋەبلىك مىسىردا ۋاپات بولغان. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! ‌‎تارقىتىپ قويغايسىز! ‌‎ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى ‌‎#ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى​ ‌‎#ئىسلام_ئىلىملىرى​ ‌‎#مەشھۇر_شەخىسلەر ‌‎#ئىمام_شافىئى #مەزھەب #فىھقى ‌‎#ئالىم_ئۆلىمالار