ئىسلام ئەخلاقى- ئامانەت
جەمئىيەتتە ۋە ئائىلىدە ئامانەتدارلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەندە، تېخىمۇ خاتىرجەم بىر مۇھىت بەرپا بولۇپ، روھىي ۋە پىكرىي جەھەتتىكى تىنچلىقنىڭ مەنبەسى بولىدۇ، چۈنكى خىيانەتچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى كىشىلەر ئارىسىدا غەم-ئەندىشە ۋە قورقۇنۇچنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ خىل ھالەت كىشىلەرنى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قالايمىقانچىلىققا، ماددىي ۋە مەنىۋىي ئامىللاردا، ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە مەنسەپلەردە يوشۇرۇن خەتەرلەرگە دۇچار قىلىدۇ. ئىسلام دىنىمىز مۇسۇلمانلارنى دىنىغا، باشقىلارنىڭ ماللىرى ۋە جانلىرىغا، قوشنىلىرىغا، ھەتتا ئۇلاردىن پاناھ تىلىگەن كاپىرلارغىمۇ راستچىل بولۇشقا، خىيانەت قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئىنسانلار ئامانەتدار بولغىنىدا، بىر-بىرىگە ئىشەنچ قىلالىغىنىدا، بىخەتەرلىك ۋە ئەمىنلىك ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ. باشقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىنىدۇ. ھەممە ئادەم ئەمىن، مۇقۇملۇق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ. شۇندىلا بۇ ئۈممەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر بىرىمىزنى ئامانەتدار، ئىشەنچىلىك، كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! تارقىتىپ قويغايسىز! ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى #ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى #ئىسلام #ئۇيغۇر #گۈزەل_ئەخلاق #ئامانەت #ئىسلام_ئەخلاقى #جەدىدىزىم #ياشلار