ئىسلام ئەخلاقى- راستچىللىق
راستچىللىق (ئىسلام ئەخلاقى) راستچىللىق ئىنساننىڭ ئىمانىي، ئىجتىمائىي، شەخسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ نورمال ۋە كۆڭۈلدىكىدەك داۋام قىلىشىدا ۋە ئۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ياخشى بولۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قەلبى پاك ۋە دۇرۇس ئادەم راستچىل بولىدۇ، بەتنىيەت ۋە كۆڭلى ناپاك ئادەم يالغانچى بولىدۇ. يالغانچىلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئاساسى بولغىنىدەك، راستچىللىق ئىماننىڭ ئاساسىدۇر. راستچىللىق ئىنساننى ياخشىلىققا باشلاپلا قالماي، ھەتتا جەننەتكە باشلايدۇ. يالغانچىلىق ئىنساننى گۇناھ، ۋە ئەخلاقسىزلىققا باشلايدۇ، بۇ ئىككىسى بولسا دوزاخقا، ئوتقا باشلايدۇ. بۇھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە شۇنداق دەيدۇ: «راستچىل بولۇڭلار، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ. ئىنسان داۋاملىق راستچىل بولسا ۋە داۋاملىق راستچىللىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇنداق كىشى «سىددىق(داۋاملىق راستچىل بولغۇچى)» دەپ خاتىرىلىنىدۇ. يالغانچىلىقتىن يىراق بولۇڭلار، يالغانچىلىق ئىنساننى گۇناھكارلىققا باشلايدۇ، گۇناھكارلىق بولسا دوزاخقا باشلايدۇ. بىر ئادەم داۋاملىق يالغان ئېيتىۋەرسە ۋە يالغانچىلىقتىن ئۆزىنى تارتمىسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا «كاززاپ» دەپ خاتىرىلىنىدۇ. » راستچىللىق ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ: 1- گەپ-سۆزدىكى راستچىللىق. 2- ئىش ھەرىكەتتىكى راستچىللىق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلغان: تىلىڭدىن چىقارما ھىچ يالغان سۆزۈڭ، بۇ يالغان بىلەن خار بولۇرسەن ئۆزۈڭ. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! تارقىتىپ قويغايسىز! ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى #ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى #ئىسلام_ئىلىملىرى #ئىسلام_ئەخلاقى #راستچىللىق #يالغانچىلىق