مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ھېچبىر قانداشلىق مۇناسىۋېتى بولمىغان، مىللەت، ئىرق، رەڭ، نەسەب، مەنسەپ ئايرىمىچىلىقى قىلمىغان ھالدا، شەخسىي مەنپەئەتتىن خالىي ئىلاھى ئەقىدىگە، ساماۋىي مۇھەببەتكە باغلانغان، ھەتتا نۆۋىتى كەلسە باشقا بارلىق قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى ئۇنىڭ يولىدا قۇربان قىلىشقا ئەرزىيدىغان، تولىمۇ پەرقلىق ئورۇن ۋە مەرتىۋېگە ئىگە بىر مۇناسىۋەت بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىقتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئەتراپلىرىدا قېرىنداشلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، پەزىلەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان، ئىسلامنىڭ شەرىپى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن قېرىنداشلىق ھەقىقەتلىرى ۋە ھەقلىرىنى ئادا قىلالايدىغان، قىيامەتتە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىداش ئىنئامىغا نائىل بولغان بەختىيار مۇئمىنلەر قاتارىدىن قىلسۇن... ئامىن. تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ! تارقىتىپ قويغايسىز! ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى #ئىلىميارياشلارگۇرۇپپىسى #ئىسلام_ئىلىملىرى #ياشلاردا_ئىسلاھات #ئىسلامىي_قېرىنداشلىق #ئىززەت