ئىخلاس نىجاتلىق يولى

«ئىخلاس» سۆزى ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ، لۇغەتتە: ئادالىماق، ئېرىغدىماق، پاكلىماق، سادىق بولماق، سەمىمىي بولماق، ساپ قىلماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا؛ «ئىخلاس» سۆزى، ئىشەنچ قىلماق، چىن كۆڭلىدىن بېرىلمەك، كۆڭۈل قويماق، بىر ئىشقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشمەك، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلمەك، ئەستايىدىل بولماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، بىر قانچە سۈرىدە، خۇسۇسەن مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەردە بەندىلەرنى ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىشقا كۆپ چاقىرىق قىلغان؛ چۈنكى مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر تەۋھىدنى ساپلاشتۇرۇش، ئەقىدىنى توغرىلاش، ھەقكە يۈزلىنىش دېگەندەك بىر قانچە خىل تېمىلارغا ئالاقىدار ئىدى.

بۇ ماقالىمىزدە ئىخلاسنىڭ تەبىرى، دىنىمىزدىكى ئورنى ۋە بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدۇق.

 

{ئىلىميار ئاۋازلىق ماقالە 29- سان}