«ئايال كىشىنىڭ ئەقلى ۋە دىنى كەمتۈكدۇر» دېگەن ھەدىس ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزە

ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئۇستاز مۇھەممەد ئىبراھىم زەيدان بۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دىنىغا يامان كۆزدە قارىغۇچىلار قۇترىشىپ: ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ، ئايال كىشىنى ئەر كىشىنىڭ يېرىمىغا تەڭ قىلىدۇ، ئايال كىشىنىڭ ئەقلى ۋە دىنى كەمتۈك دەپ قارايدۇ» دېيىشىدۇ. بىز يۇقىرىدىكى ھەدىس ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولساق؛ ھەدىس ھەققىدە قىلىنغان سۆزلەرگە قارىتا ئۆزىمىزنى مۇداپىئە قىلىش نىيىتىدە ياكى ھەدىستە دېيىلگەن سۆزلەردىن خىجىللىق تۇيغۇسىدا بولماسلىقىمىز، بەلكى بۇ ھەدىس ۋە باشقا سەھىھ ھەدىسلەردىكى بىر قىسىم ئاساسىي نۇقتىلارغا ئىنچىكە قاراپ چىقىشىمىز كېرەك...

 

{ئىلىميار ئاۋازلىق ماقالە 27- سان}