مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ تىبابەت ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى
مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ تىبابەت ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى
ئاپتور: راغىب سەرجانىي
تەرجىمە قىلغۇچى: بەرىكەتۇللاھ نامان
تەھرىر: ئابدۇلھەكىم ئايدىن
دۇنيا ئىلىملىرى ياكى ھاياتلىق ئىلىملىرى دېگىنىمىز: كائىنات ئىلمى، پەن-تېخنىكا ئىلمى، تەبىئىي پەن، تەجرىبە ئىلمى... قاتارلىق كائىناتقا ئالاقىدار ئىلىملارنى كۆرسىتىدۇ. مەن شەرىئەت ئىلىملىرى بىلەن پاراللېل ھالدا «ھاياتلىق ئىلىملىرى» دەپ ئاتاشنى تاللايمەن؛ چۈنكى ھاياتلىق ئىلىملىرى بىلەن زېمىن يۈزىدىكى ھاياتلىق ئىسلاھ بولىدۇ. كىشىلەر ئەنە ئاشۇ ئىلىملەر ئارقىلىق زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقۇرۇش، يېڭى ھايات ۋە مۇھىتلارنى بايقاشقا قادىر بولالايدۇ. ئۇ ئىلىملەر مېدىتسىنا، ئېنژىنىرلىق، ئاسترونومىيە، خىمىيە، فىزىكا، جۇغراپىيە، ئارخىئولوگىيە، بوتانىكا، زىئولوگىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ۋە ئىنسانىيەت ئۆز تۇرمۇشلىرىنى ياخشىلاشتا ئېھتىياج بولىدىغان ئىلىملەردۇر.
ھاياتلىق ئىلىملىرى ئىسلام سايىسى ئاستىدا ناھايىتى ئۈستۈن ئورۇنغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ دەۋردە مۇسۇلمانلار خۇددى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك، تەبىئىي پەندىمۇ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن ئىدى؛ مۇسۇلمانلار ئاچقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىشىكلىرى يۇرتلىرىدىن ئىلىم ئىزدەپ چىققان ياۋروپالىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ۋاقىت ئوچۇق ئىدى. ياۋروپانىڭ پادىشاھ - ئەمىرلىرى داۋالىنىش ئۈچۈن مۇسۇلمان دىيارلىرىغا سەپەر قىلىشاتتى. فىرانسۇس مۇتەپەككۇرى گۇستاف لوبۇن: «كاشكى مۇسۇلمانلار فىرانسىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەن بولسا، پارىژنى خۇددى ئەندەلۇستىكى قۇرتۇبەدەك تەرەققىي قىلدۇرغان بولاتتى!» دەپ تەلپۈنگەن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلاردىكى ئىلىم پەن مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىپادىلەپ: «پۈتۈن ياۋروپا مەدەنىيەت جەھەتتە مۇسۇلمان ئەرەپلەرنىڭ بىر شەھىرىگە ئوخشايدۇ» دېگەن ئىدى.
بىز مۇ ماقالىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىي پەنگە قوشقان تۆھپىلىرى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ۋە ھېلىمۇ كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.
مۇسۇلمانلار دەۋرىدىكى ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتى
شەك-شۈبھىسىز ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئىلىملەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىلىملەردە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. مۇسۇلمانلار يۈكسىلىش ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا ئاشۇ ئىلىملەرگە تايىنىش بىلەن بىللە، بۇ ئىلىملەرنى بۇرۇنقىلاردىن نەقىل قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭ بايقاش ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئىلىم پەن ساھەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، شۇنداقلا ئىلىم پەن ساھەسىدە ئۆچمەس تارىخ ياراتقان ئىدى. بىز بۇنى تىبابەت ئىلمى نۇقتىسىدىن نۇقتىلىق بايان قىلىمىز.
تىبابەت ئىلمىنىڭ مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ قولىدا تەرەققىي قىلىشى
تىبابەت ئىلمى پارلاق ئىسلام مەدەنىيىتى داۋامىدا مۇسۇلمانلار كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان پەنلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دائىرىنىڭ كەڭلىكى، ئىنچىكىلىكى ۋە توغرۇلۇق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كىشىگە گويا مۇسۇلمانلاردىن بۇرۇن تىبابەت ئىلمى يوقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇسۇلمانلار پەقەتلا كېسەل داۋالاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش، كۈزىتىش ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تىبابەت ئەخلاقى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ... قاتارلىق تىبابەت ئىلمىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئۆزگىچىلىكلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىلمىي مېتود ياراتقان ئىدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تۆھپىلىرى تىبابەت ساھەسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشكە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن نادىر مېدىتسىنا پىشىۋالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال يېڭى ئەۋلاد ھەكىم-دوختۇرلىرىنىڭ كۈنىمىزگىچە ئىز بويلاپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
پەيغەمبەر تىبابىتى
تىبابەتچىلىك يەر يۈزىدە ئىنسانلار مەۋجۇت بولغاندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا، ئاللاھنىڭ ئىلھام قىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى -ئىقتىدارى ۋە تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تىبابەت تۈرلىرىگە يېتىپ بېرىشىدىن باشلىنىدۇ. بۇ خىل داۋالاش ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن «تىبابەتنىڭ باشلىنىشى» دەپ ئاتالغان. شۇ سەۋەبتىن ئىبنى خەلدۇن: «ھەر بىر يېزا ئەھلىنىڭ بىر ھەكىمى بولاتتى، ئۇلار مۇھىم ئىشلارنىڭ بېشىغا ئۇنى قوياتتى. ئۇ كىشى بۇرۇن ئۆتكەن پىشقەدەم ھەكىملەرنىڭ ۋارىسى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ داۋالىناتتى. بەزىدە ئۇنىڭ داۋالاشلىرى پايدا قىلاتتى، ئەمما ئۇ تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە بولمايتتى» دېگەنىدى.
ئىسلام كەلگەن ۋاقىتتا جاھىلىيەتتىكى ئەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش داۋالاش ئۇسۇللىرى بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋالىنىشقا قىزىقتۇرۇپ: «داۋالىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا قېرىلىقتىن باشقا ھەربىر كېسەلنى داۋاسى بىلەن چۈشۈرگەن» دېگەن. شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەل، خورما، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش «پەيغەمبەر تىبابىتى» دەپ ئاتالغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر بىلەن داۋالانغانلىقى مەلۇمدۇر.
مۇسۇلمان ئالىملار پەيغەمبەر تىبابىتى بايان قىلغان دائىرىدە چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئىلىم پەننىڭ (تىبابەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئىزچىل تەتقىق قىلىپ مۇلاھىزە قىلىش ۋە باشقا مىللەتلەردە بار بولغان مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەن، شۇنداقلا ھەرقانداق مەنپەئەتلىك نەرسىنى داۋاملىق كۆپەيتىش، ھېكمەت قەيەردە بولسا ئۇنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا بىز مۇسۇلمان ھەكىملەرنىڭ فەتھى قىلىنغان ئىسلام يۇرتلىرىدا يۇنان تىبابىتى بىلەن تونۇشقانلىرىنى ئۇچرىتىمىز. ھەتتا خەلىپىلەر رۇم ھەكىملىرىنى سارايغا تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان ۋە مۇسۇلمان ھەكىملەر ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن تەلىم ئالغان ۋە قولغا چۈشۈرگەن بارلىق تىبابەت كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئۇچرىتالايمىز. بەلكىم بۇلار ئۇمەۋىيلار دەۋرىدىكى ئەڭ كاتتا خىزمەت قاتارىدىن بولسا كېرەك.
تىبابەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇسۇلمان ئالىملار:
1- ئەبۇ بەكرى رازى
مۇسۇلمان ئالىملار ھەرخىل ئىلىملەر ئارا كەسپىيلىشىشنىڭ مۇھىملىكىنى تونۇپ يەتكەن كىشلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆز دوختۇرى ،جەرراھلار ،ھەججاملار (لوڭقا قويۇپ داۋالايدىغان كىشىلەر) بار ئىدى. مانا بۇ پارلاق ئەسىرنىڭ نۇرانە يۇلتۇزلىرىنىڭ ئىچىدە ئەبۇ بەكرى رازى ئىسىملىك بىر ئالىممۇ بار بولۇپ، ئۇ تارىختا ئۆتكەن تىبابەت ئالىملىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى بۇ بىر ماقالە بىلەنلا ئېيتىپ تۈگىتىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ! ئابباسىيلار دەۋرىدە مۇسۇلمانلار تىبابەتنىڭ خىلمۇ خىل ئېقىنلىرىدا پۇختا قەدەملەرنى باستى. ئىلگىرىكى تىبابەت ئالىملىرى خاتالاشقان مەسىلىلەرنى توغرىلاپ تۈزەتتى. تىبابەت ساھەسىدە باشقىلاردىن نەقىل قىلىش ياكى ئۇلارنىڭكىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمىدى.
2- ئەلى ئىبنى ئەيسا كۇھھال
كۆز تىبابىتى مۇسۇلمانلاردا ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مەيلى ئۇلاردىن بۇرۇنقى يۇنانلىقلار بولسۇن، مەيلى ئۇلار بىلەن زامانداش ۋە ياكى مۇسۇلمانلاردىن بىر قانچە ئەسىر كېيىن كېلىپ، ئۇلار يەتكەن نەتىجىگە يەتكەن لاتىنلىقلار بولسۇن، ھېچكىم بۇ ساھەدە مۇسۇلمانلار بىلەن تەڭلىشەلمەيدىغان بىر ھالغا يەتكەنىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز تىبابىتى ھەققىدە يازغان كىتابلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ ساھەدە يېزىلغان تۇنجى ماتېرىيال دەپ قارىلىدۇ. نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ كۆز تىبابىتىنى «ئەرەب تىبابىتى» دەپ ئاتىشى ھېچ ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىش ئەمەستۇر. تارىخچىلار كۆز دوختۇرى ئەلى ئىبنى ئەيسانى ئوتتۇرا ئەسىردىكى پۈتكۈل كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئۇنىڭ «تەزكىرە» ناملىق ئەسىرىنى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر دەپ خاتىرلىگەن.
3- ئەبۇل قاسىم زەھراۋىي
بىز رازى ۋە ئىبنى ئەيسا قاتارلىق بۈيۈك ئالىملارنىڭ پارلاق سەھىپىسىنى ئۆرۈگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك شەخىسلەردىن بولمىسمۇ، تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك جەرراھ دەپ تونۇلغان يەنە بىر گىگانىت شەخىس ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەبۇل قاسىم زەھراۋىيدۇر.
ئەبۇلقاسىم زەھراۋىي ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قان ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىغ ۋە ئوپراتسىيە پىچىقىغا ئوخشاش ئەڭ ئالىي داۋالاش ئۈسكۈنلىرىنى كەشىپ قىلغانىدى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە داۋالاش نەزەرىيەسى ۋە ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى كۆپ قان ئېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاشقازاننى تىكىش، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان يىپ قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ قاننى قويۇلدۇرۇش ئارقىلىق قانسىراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوپراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.
زەھراۋىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى ياسىغان تۇنجى كىشى بولۇپ، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئوكۇل يىڭنىسىنى ياساپ ئىشلەتكەنلىكىدۇر. ئۇ يەنە ھازىرقى ۋاقىتتىكى تېلىسكوپقا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆتتىكى تاشنى پارچىلاش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە جىنسىي يولىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئىجاد قىلغان ۋە قوللانغان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ئەتتەسرىف لىمەن ئەجەزە ئەتتەئلىپ» ناملىق كىتابىنى جىرادو ئىسىملىق ئىتالىيەلىك ئالىم Altasrif نامى بىلەن لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلغان، بۇ كىتاب ياۋروپادىكى داۋالاش ئىلمىي مۇئەسسەسەلىرىگە نىسبەتەن مۇكەممەل تىببىي ئېنسىكلوپېدىيە دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يازغان جاراھەت ئىلمىي ھەققىدىكى كىتاب، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ساھەدە يېزىلغان كىتابلارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 16 - ئەسىرگىچە داۋالاش ساھەسىنىڭ ئەڭ ئاساسى نوپۇزلۇق كىتاب بولۇپ كەلدى. بۇ كىتابقا 200 دىن ئارتۇق داۋالاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئوچۇق رەسىمى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، زەھراۋىيدىن كېيىنكى غەرب مېدىتسىنا ساھەسىگە، شۇنداقلا 16- ئەسىردىكى ياۋروپا تىبابەت ساھەسىنى ئىسلاھات قىلغان كىشلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
4- ئىبنى سىنا
ئىبنى سىنا تىبابەت ئىلمىدە ئاللاھ مۇيەسسەر قىلغان تىببىي تالانتى ۋە بايقاشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە تولىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان شەخىسلەردىن بىرىدۇر. ئۇ نۇرغۇن كېسەللىكلەر ۋە مىكروپلارنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە پارازىتلارنى «سازاڭسىمان قۇرت» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى ئىتالىيەلىك ئالىم دۇبىيدىن 900 يىل بۇرۇن ئىدى. ئۇ يەنە مېڭە ياللۇغىنى داۋالىغان، مېڭىدىكى ئىچكى سەۋەبلەر تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان پالەچلىك بىلەن تاشقى سەۋەب تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان پالەچلىك ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرگەن. شۇنداقلا قان كۆپلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان مېڭە سەكتىسىنى داۋالىغان تۇنجى شەخىس ھېسابلىنىدۇ.
ئىبنى سىينا يەنە تۇنجى بولۇپ چېچەك ۋە قىزىلغا ئوخشاش بەزى ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھاۋا ۋە سۇدىكى ئىنتايىن كىچىك جانلىقلاردىن ئىنسان بەدىنىگە كۆچۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«سۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ناھايىتى كىچىك جانلىقلارنى ئېلىپ يۈرىدۇ. ئەنە ئاشۇ جانلىقلار بەزى كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئىبنى سىنانىڭ بۇ بايقاشلىرىنى 18- ئەسىردىكى ئالىم فان لىيوتۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىكروسكوپ كەشىپ قىلىنغان زامانلاردىكى ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
يۇقىرىقى بايقاشلىرى ۋە قاراشلىرى بىلەن ئىبنى سىنا ھازىرقى زامان تىبابەت ساھەسىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلىمنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ. ئىبنى سىنا يەنە تۇنجى قېتىم دەسلەپكى مەزگىللىك مېڭە ياللۇغىنى داۋالىغان ۋە ئۇنى ئوتتۇرا مەزگىللىك مېڭە ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرگەن. شۇنداقلا بادامسىمان بەز ياللۇغىنى تۇنجى قېتىم كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيەسى قىلغان. ئۇنىڭ تىببىي كۆز قاراشلىرىغا جىگەر راكى، كۆكرەك راكى ۋە سۆڭەك راكىغا ئوخشاش راكنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى خاتېرىلەنگەن.
ئىبنى سىنا يەنە ئۇستا جەرراھ بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللىك راك ئۆسمىسى، كېكىردەكنى يېرىپ داۋالاش، سۈيدۈك يولى توسۇلۇش... قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئوپىراتسىيەلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان مەقئەت ئاقمىسىنى داۋالاش چارىسىنى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈش ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى قانداق چىقىرىش ۋە چىقىرىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى چۈشەندۈرگەن.
ئىبنى سىينانىڭ ئاياللار كېسەللىرى ساھەسىدىمۇ ناھايىتى چوڭ تۆھپىسى بار بولۇپ، جىنسىي يولى توسۇلۇش، قان توسۇلۇپ قېلىش ۋە تەپ كېسىلىدىن كېلىپ چىققان ئاياللار كېسىلىنى ئىنچىكلىك بىلەن داۋالىغان. ئىبنى سىينا (ئايال كىشىنىڭ) رەھمىنىڭ سېسىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تۇغۇتنىڭ قىيىن بولۇشى ياكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ بايقاش ھازىرقى ئىلىم پەن كېچىكىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن تەتقىقاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىبنى سىنا يەنە چىش كېسەللىكلىرى ساھەسىدىمۇ ناھايىتى كەڭرى مەلۇماتقا ئىگە ئىدى. ئۇ چىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى تۈپ غايىنىڭ چىرىگەن چىشلارنى داۋالاش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: چىشتا كۆرۈلگەن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى مەقسەت كۆپ يىيىشنى توسۇشتۇر. بۇ كاردىن چىققان چىشلارنى تازىلاش، بۇزۇلۇشقا سەۋەب بولىدىغان ماددىلارنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق بولىدۇ.
بىز چىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنىڭ ئۇنى قوغداش ئىكەنلىكى، چېرىلگەن چىشلارنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ فونكىسىيەسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن مۇناسىپ ماددىلارنى قويۇش ئارقىلىق داۋالاش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بىز بۇ بايانلاردىن شۇنى ھېس قىلالايمىكى، تىبابەت ساھەسىدىكى بۇ تالانت ۋە قابىلىيەتلەر ھەرگىزمۇ ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ كۆرەلمەيمىز. ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ئىنسانىيەتكە يېتەكچى ئۇستاز بولغان ئونلىغان ۋە يۈزلىگەن تالانتلىقلارنى مانا مۇشۇنداق تارىخ بەتلىرىگە خاتېرىلىۋەتكەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ پىداكار مۇسۇلمانلارغا رەھمەت ئىشىكىنى ئاچقان بولسۇن.