شەرقتىن غەربكە يېقىلغان مەشئەل-گىگانىت ئىسلام پەيلاسوپى ھەققىدە

شەرقتىن غەربكە يېقىلغان مەشئەل-گىگانىت ئىسلام پەيلاسوپى
مەھمۇت بىلگە


ئىبنى رۇشد
ئبنى رۇشد - شۈبھىسىزكى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام دۇنياسى يېتىشتۈرگەن ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئىسلام دۇنياسىدا پەلسەپەنى سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈرگەن ئەبۇ نەسر فارابى ۋە ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ شاھلىق دەۋرىنى ياراتقان ئىبنى سىنادىن كېيىن «مەششائىي» پەلسەپە ئېقىمىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىل خاراكتېرلىك پەيلاسوپلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنداقلا، ئارىستوتېل پەلسەپەسىنى ئەڭ ياخشى شەرھىلىگەن ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئارىستوتېل پەلسەپەسى بىلەن تونۇشىشىغا ۋەسىلە بولغان ئەڭ مۆتىۋەر ئارىستوتېل شەرھىچىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىر لاتىن دەۋرىنى مەلۇم دەرىجىدە تەسىر ئاستىغا ئالغان ئىبنى رۇشدنىڭ، ئاقارتىش ۋە ئىسلاھات (رۆنەسانس) پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا بەلگىلىگۈچى رولى بارلىقى قوبۇل قىلىنىپ كەلمەكتە. غەربنى شۇ قەدەر تەسىر ئاستىغا ئالغانكى ھەتتا ئىبنى رۇشدچىلىك ئېقىمى ۋە ئىبنى رۇشد تەرەپدارى پەيلاسوپلار بارلىققا كەلگەن. ئىبنى رۇشد گەرچە بىر قىسىم پەيلاسوپلارنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىشتا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بۈيۈك ئالبەرت ۋە توماس ئاكۋىناسقا ئوخشاش ئۆز دەۋرىنىڭ گىگانىت پەيلاسوپلىرى تەرىپىدىن ئېغىر قارشىلىققا دۇچار قالغان. ئىبنى رۇشد ئېقىمى پەلسەپە ساھەسى سىرتىدىمۇ پەرقلىق سەنئەت ساھەلىرىدىن بېسىملارغا ئۇچراپلا قالماستىن، ھەتتا ئوتتۇرا ئەسىر كاتولىك دىنى مەھكىمىسىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك ئىبنى رۇشدچىلەرنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە «لىبەرتىن» دەپ ئىسىملەندۈرگەنلىكى تارىخى ئەسەرلەرگە قەيت قىلىنغان.[1]
 پەلسەپەنىڭ ھەر تۈرىدىن تېبابەت ، ئاسترونومىيە ۋە قانۇنغىچە بولغان ئىلىملەردە ۋايىغا يەتكەنلىكى ۋە ئۆزگىچە پىكىرلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۇنىڭ پەقەت ئارىستوتېل شەرھىچىسى ۋە ئەگەشكۈچىسىدىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكى بىلەن يىتىشكەن يىتۈك بىر پەيلاسوپ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولماقتا.
 ئىسلامىي ئىلىملەر نۇقتىسىدىنمۇ ۋايىغا يەتكەن ئىبنى رۇشد ئەندەلۇس قازىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ھەققىدە مۆتىۋەر ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ ھەم پەندە ھەمدە دىندا يېتىشكە بىر ئالىم ۋە پەيلاسوپتۇر. ئۇنىڭ دىن بىلەن پەلسەپەنى مۇناسىۋەتلەندۈرۈشى «دىن بىلەن پەلسەپە سۈت قېرىنداشتۇر» جۈملىسىدە ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، پەلسەپەۋىي ئىلىملەرگە قارشى چىققۇچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەرگۈچى جاۋاب ماھىيىتىدە بولغان.
ئىبنى رۇشد «پەلسەپە ۋە دىن ھەققىدە پاراڭ» ناملىق ئەسىرىدە ئەقىل يۈرۈتۈش ياكى «قىياسى ئەقلى(پەلسەپە)نى ئۆگىنىش ۋاجىبتۇر» دېيىش ئارقىلىق لوگىكا ۋە پەلسەپەنىڭ ئەھمىيىتىگە دىققەت نەزىرىمىزنى بۇرىغان ئاساستا پەلسەپە ھەرىكىتىنىڭ پەرز بىر ئىبادەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق «پەلسەپە تەلىمى» ھۆكىمى ھەققىدە پەتىۋا ماھىيىتىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەلۋەتتە بىر قازى ئاخۇنۇمنىڭ پەلسەپە ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پەتۋا ماھىيىتىدىكى جاۋابىدا «ۋاجىب» سۆزلۈكىنى ئىشلىتىشى كۈنلۈك تىلدىكى «زۆرۈرىيەت» مەنىسىنى ئىپادىلىمەستىن پىقھى تىلدىكى ياكى پىقھى ئاتالغۇسى بويىچە پەرز دەرىجىدىكى «ۋاجىب» مەنىسىنى ئىپادىلىگەن بولىشى كېرەك. ئۇنىڭ پەلسەپەگە ئەھمىيەت بېرىشى ئەقىلگە ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنساننى باشقا مەۋجۇتلۇقلاردىن ئايرىيدىغان يىگانە مەۋجۇتلۇق ئەقىلدۇر. ئەقىل سۇلتانلىق رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، نەپسنىڭ كۈچلىرى ئەقىل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئەقىلگە قانچىلىك خىزمەت قىلالىشىغا قاراپ مەناغا ئىگە بولىدۇ.

ھاياتى
مىلادىيە 1126-يىلى قۇرتۇبادا دۇنياغا كەلگەن[2] ئىبنى رۇشدنىڭ  تەخەللۇسى بىلەن بىرگە تولۇق ئىسمى ئەبۇل ۋەلىد مۇھەممەد بىن ئەھمەد بىن مۇھەممەد بىن ئەھمەد بىن ئەھمەد ئىبنى رۇشد ئەل قۇرتۇبى بولۇپ، دىندار ۋە نوپۇزلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسىدىن دادىسى بىلەن بوۋىسى ئەندەلۇس قازىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، مالىكى پىقھىسىدا سۆز ئەھلى بولغان ۋە «قازى» ياكى «قازىل قۇززات» (قازىلارنىڭ قازىسى) نامى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەن بوۋىسىمۇ «ئىبنى رۇشد» تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان. «ئەكبەر»(بۈيۈك)، «فەقىھ» ناملىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىبنى رۇشد بىلەن بوۋىسى ئارىسدىكى ئارىلىشىپ كېتىشنى يوقىتىش ئۈچۈن « ئىبنى رۇشد ئەلھەفىد»(نەۋرە ئىبنى رۇشد) شەكلىدە تونۇلۇپمۇ كەلگەن.[3]
ئىبنى رۇشد ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇنىڭ ئۇسلۇبلىرىغا سادىق قالغان ئاساستا شەرھىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا «ئەش شارىھ»، لاتىن دۇنياسىدا «commentator» دەپ تونۇلغان. ئەندەلۇس يەھۇدىلىرى «ئابەن روشد»، ئىسپانيەلىكلەر «ئاۋەن روشد» ۋە ئاخىرىدا لاتىنچە بىر تەلەپپۇز توقۇپ چىقىرىلىپ «ئاۋەرروس» ياكى «ئاۋەررويس» بولغان.[4]
ئىبنى رۇشد ئۆز دەۋرىنىڭ ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن ئاساستا ئاۋال ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن گىرامماتىكىغا ئوخشاش تىل ئىلىمىنى ئىگەللىگەن ۋە دىن ھەققىدە ئاساسىي بىلىملەرنى دادىسىدىن تەھسىل قىلغان بولۇپ، مالىك بىن ئەنەسنىڭ «ئەل مۇۋەتتا» ناملىق ئەسىرىنى دادىسىنىڭ قولىدا يادلاپ تۈگەتكەن . دادىسى قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىم ئالىملىرىدىن پىقھى ئىلىمى تەھسىل قىلغان ئىبنى رۇشد تېبابەتتە ئەل بەلەنسى، ماتېماتىكىدا، تېبابەت ۋە پەلسەپەۋى ئىلىملەردە ئەت تەرجالى قاتارلىق ئۆ دەۋرىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىنى ئۇستاز تۇتقان بولۇپ داڭلىق ھەكىم ئىبنى زۈھر بىلەنمۇ يېقىن دوسلۇقى بارلىقى تارىخى ئەسەرلەرگە قەيت قىلىنغان.ئىبنى تۈفەيل ئىبنى رۇشدنى مۇۋەھھىدى ھۆكۈمدارىغا تونۇشتۇرغان مەزگىللىرىدە تىبابەتكە ئائىت «ئەل كۇللىيات» ناملىق بىر ئەسەرنى قەلەمگە ئالغانلىقى تارىخى كىتابلارغا قەيت قىلىنغان. ئۇ  بۇ دەۋردە پەلسەپە ئىلىملىرىدا كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھىلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ئىدى.[5] ئۇنىڭ پەلسەپە ئۇستازلىرى ھەققىدە تارىخىي ئەسەرلەردە كۆپ مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئىبنى ئەبى ئۇسەيبە داڭلىق ئەندەلۇس پەيلاسوپى ئىبنى باججەنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. ئەمما، ئىبنى رۇشد بىلەن ئىبنى باججەنىڭ ياشىغان دەۋرى بىر بولسىمۇ ئىبنى رۇشد 12 ياشقا كىرگىنىدە، 1139-يىلىدا ئىبنى باججە ۋاپات تاپقان بولۇپ، ھەتتا قۇرتۇبا سىرتىدا ئىدى. بۇ نۇقتىدىن بەزى تارىخچىلارغا نىسبەتەن ئىبنى باججەنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئىبنى تۈفەيل بىلەن قىلغان مۇنازىرە ۋە سۆھبەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى دەپ ئۆتەلىشىمىز مۇمكىن.[6]
ئىبنى رۇشدنىڭ ياشىغان دەۋرى مۇرابىتلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دەۋردىكى ھاكىمىيەت غەززالىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مەسىلە بار دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن يوق قىلىۋەتكەن بىر دەۋر بولۇپ، ئىبنى رۇشدنىڭ ئىلىم ھاياتىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرى تۇنجى مۇۋەھھىدى ھۆكۈمدار ئابدۇلمۇئمىننىڭ دەۋرى بولغان دېيىشكە بولىدۇ. مۇۋەھھىدىلەر دەۋرى مۇرابىتلار دەۋرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئەركىن بىر دەۋر بولۇپ، ئىبنى رۇشد بۇ دەۋردە تىبابەت ۋە پەلسەپە ئىلىمىنى تەھسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.[7]
ئەقلى ئىلىملەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋە بۈيۈك كۈتۈپخانا قۇرغان مۇۋەھھىد ھۆكۈمدارى ئەبۇ يەئقۇپ يۈسۈپ بىن ئابدۇل مۇئمىن دەۋرنىڭ ئەڭ سەرخىل ۋە تاللانغان ئالىملىرىنى بىر مەجلىس قۇرۇپ دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنى ھەرخىل ئىدارىي ۋەزىپلەرگە تەيىنلەيدۇ. بۇ مەجلىستە ئىبنى تۈفەيلمۇ بار بولۇپ، ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ ئارىستوتېلنىڭ كىتابلىرىنى بەك ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ۋە شەرھى يېزىشىنى ئىبنى تۈفەيلدىن ئۆتۈنىدۇ. ئىبنى تۈفەيل ياشتا چوڭىيىپ قالغانلىقىنى ۋە ئىدارىي ۋەزىپىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى پەش قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىرسىنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىبنى رۇشدنى تونۇشتۇرىدۇ. پەلسەپە تەتقىقاتىدا ھۆكۈمدارنىڭ تەشۋىق ۋە يارىدىمىگە ئېرىشكەن ئىبنى رۇشد سېۋىللا قازىلىقىغا تەيىنلىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قۇرتۇباغا باش قازىلىق(رەئىسلىك) ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمدارنىڭ تەلىپى ۋە قوللىشىغا بىنائەن ئون يىلدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئارىستوتېل ئەسەرلىرىنىڭ شەرھىسىنى يېزىشقا باشلايدۇ. 1182-يىلى ئىبنى تۈفەيلنىڭ ساراي ھەكىملىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ساراي ھەكىملىكى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ماراكەشكە يېتىپ بارىدۇ. 1184-يىلى  ھۆكۈمدار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوغلى ئەل مەنسۇر ئۇنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئىبنى تۈفەيل ۋە ئىبنى رۇشدكە بۈيۈك ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. 1194-يىلىدىن كېيىن ئەل مەنسۇر بىلەن ئىبنى رۇشدنىڭ ئارىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بېرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك مەجبۇرى ھالدا قۇرتۇباغا 73 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا كېلىدىغان ئېلسانى رايۇنىدا ياشاشقا ئەۋەتىلگەنلىكى تارىخى كىتابلارغا قەيت قىلىنغان. 1198- يىلى 12-10-كۈنى ماراكەشتە ۋاپات تاپقان پەيلاسوپ، ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قازىل قۇززات(رەئىسلىك) ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قۇرتۇباغا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىنىپ ئىبنى ئابباس قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.[8]

ئەسەرلىرى
نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن كۆپلىگەن ئەسەر ۋە شەرھلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىبنى رۇشد پەلسەپە، ئىلاھىيەت، لوگىكا، فىزىكا، مېتافىزىكا، سەپسەتە، جەدەل، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، فىقھى، ئەخلاق، سىياسەت ۋە تىبابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھەدە ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بىز ئەڭ مۇھىملىرى ياكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ساناپ ئۆتەشكە تېرىشىمىز. جامالىددىن ئەل ئالەۋىي ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 108كە يېتىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتىدۇ.[9]
ئۇنىڭ پەلسەپەگە ئائىت 28 ئەسىرى بارلىقى تارىخى كىتابلارغا قەيت قىلىنغان بولۇپ، مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «تەھافۇتۇت تەھافۇت»(تۇتامىسىزلىقنىڭ تۇتامىسىزلىقى) ناملىق ئەسىرى غەززالىنىڭ «تەھافۇتۇل فەلاسىفە»(پەيلاسوپلارنىڭ تۇتامىسىزلىقى) ناملىق ئەسىرىگە رەددىيە سۈپىتىدە يېزىلغان بىر ئەسەر بولۇپ، پەلسەپەۋىي بىر ئەسەردۇر. شۇنداقلا «دىن ۋە پەلسەپە ھەققىدە پاراڭ» ناملىق ئەسىرى، مېتافىزىكىغا ئائىت «جەۋامىئۇ مابەئدە تەبىئە»، «تەلخىسۇ مابەئدە تەبىئە»،«تەفسىرۇ مابەئدە تەبىئە»، «ماقالە فى ئىلمىل ئىلاھىي» ؛ فىزىكىغا ئائىت « كىتابۇس سامائۇت تەبىئىي»، «كىتابۇس سامائ ۋەل ئالەم»، «كىتابۇل كەۋن ۋەل فەساد»، «كىتابۇل ھەيەۋان»، «كىتابۇن نەفس»؛ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيەگە ئائىت «ماقالە فى جەۋھەرىل فەلەك، ماقالە فىل جىرمىس ساماۋىي»، «ماقالە فى ھەرەكەتىل جىرمى ساماۋىي»، «مۇختەسەرۇل مەجەست»؛ فىقىھ ئىلمىگە ئائىت «بىدايەتۇل مۇجتەھىد ۋە نىھايەتۇل مۇقتەسىد»، «كىتاب فى ئۇسۇلۇل فىقىھ»؛ ئەخلاققا ئائىت «تەلخىسۇ كىتابىل ئەخلاق لى ئارىستوتالىس»؛ سىياسەتكە ئائىت«جەۋامىئۇ سىياسەتى ئەفلاتۇن»؛ تېبابەتكە ئائىت« كىتابۇل كۇللىيات»؛لوكىكا ئىلمىگە ئائىت ئەڭ ئاز 26 ئەسىرى بار بولۇپ، «ئەل مۇختەسەر فىل مەنتىق»، «تەلخىسۇ كىتابۇل مەئقۇلات»، «تەلخىسۇ كىتابۇل قىياس»، «تەلخىسۇ كىتابۇل بۇرھان»، تەلخىسۇ كىتابۇ سەفسەتە» ناملىق ئەسەرلىرى ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.[10]
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەرلىرى بىلەن بىرگە غەرب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئارىستوتېل كۇللىياتىنىڭ ئۈچ تۈر (ئۇزۇن، قىسقا ۋە ئوتتۇرىچە) شەرھىسىنى قەلەمگە ئېلىشى بىلەن مەشھۇر بولغان. ھەجىمى نۇقتىسىدىن قىسقا شەرھلەر كۆپرەك ئارىستوتېل تەلىماتلىرىنى شەرھىلىگەن يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئىزاھلانغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە شەرھى ھۆكۈمدارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئاددىي ۋە ئوچۇق تىلدا چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلغان شەرھى تۈرىدۇر. ئۇزۇن شەرھلەر ئىبنى رۇشدنىڭ كامالەتكە يەتكەن دەۋرى بولۇپ، ئارىستوتېل پىكىرلىرى يېنىدا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان شەرھى تۈرىدۇر. [11]
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇزۇن تۈردىكى پەلسەپەۋىي شەرھلەر ئىسلام پەلسەپەسىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن يۇقىرى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ تېمىلىرى، مەسىلىلىرى ۋە ئىچ تالاش-تارتىشمىلىرىدىن خەۋەردار بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

پايدىلانغان مەنبەلەر:
Hüseyin Sarıoğlu. İbn Rüşd. 3. bs. İstanbul: İSAM Yayıları, 2019.
Hüseyin Sarıoğlu. İbn Rüşd Felsefesi. 5. bs. İstanbul: Klasik Yayınları, 2020.
M.M. Şerif. Klasik İslâm Filozofları ve Düşünceleri. 3. bs. İstanbul: İnsan Yayınları, 2000.
M.Cüneyt Kaya. İslam Felsefesi Tarih ve Problemler. 9. bs. Ankara: İSAM Yayıları, 2020.
Sadi Yılmaz. “Batıyı Aydınlatan İslam Düşünürü İbn Rüşd”. BİGÖL ÜNİVERSİTESİ İLAHİYAT FAKÜLTESİ DERGİSİ, sy 11 (2018).


[1] Sadi Yılmaz, “Batıyı Aydınlatan İslam Düşünürü İbn Rüşd”, BİGÖL ÜNİVERSİTESİ İLAHİYAT FAKÜLTESİ DERGİSİ, sy 11 (2018), s.393
[2] M.M. Şerif, Klasik İslâm Filozofları ve Düşünceleri, 3. bs (İstanbul: İnsan Yayınları, t.y.), s.299.
[3] Hüseyin Sarıoğlu, İbn Rüşd, 3. bs (İstanbul: İSAM Yayıları, 2019).  s.31.
[4] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi Tarih ve Problemler, 9. bs (Ankara: İSAM Yayıları, 2020).  s.367.
[5] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi Tarih ve Problemler, s.367.
[6] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi Tarih ve Problemler, s.368.
[7] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi Tarih ve Problemler, s.367-8.
[8] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi Tarih ve Problemler, s.368-9.
[9] Hüseyin Sarıoğlu, İbn Rüşd Felsefesi, 5. bs (İstanbul: Klasik Yayınları, 2020).s.33.
[10] Hüseyin Sarıoğlu, İbn Rüşd Felsefesi, s.34-39.
[11] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi Tarih ve Problemler, s.369.