ئىبنى سىنانىڭ پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنى، ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە

ئىبنى سىنانىڭ پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنى، ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە
مەھمۇت بىلگە
 


پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنى
پەلسەپە ۋە بىلىم تارىخىدا ئوخشىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئىبنى سىنا پىكىر ۋە پەلسەپە دۇنياسىنى چوڭقۇر تەسىر ئاستىغا ئېلىپ، ھەم شەرق ھەمدە غەرب پەيلاسوپلىرىنى ئۆزگە خاس پىكىرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ يېتىشىشى ۋە يېڭى پىكىرلەر ئىجاد قىلىشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان بۈيۈك بىر پەيلاسوپتۇر. كىندى بىلەن باشلىنىپ فارابى بىلەن تەرەققىياتى داۋاملاشقان ئىسلام پەلسەپەسى ئىبنى سىنانىڭ ھەسسە قوشىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ يېڭى پىكىرلەر ئىجاد قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ دەۋرى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن پەلسەپە تارىخچىلىرى ئىبنى سىنا دەۋرىنىڭ ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەم پىكىرگە ئىگە. مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپلىرىدن فەخرۇددىن رازى ۋە غەززالىنىڭ ئىبنى سىنانى تەنقىتلىشىگە قارىماي ئۇنىڭ پىكىرلىرى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان مەشئەل بولۇشتىن توختاپ قالمىدى، ھەتتا ئىبنى سنا پەلسەپەسىنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىلىپ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كېيىنكىلەرنى تەسىر ئاستىغا ئېلىشىغا يول ئاچتى دېسەك تامامەن بولىدۇ.[1]ئىبنى سىنانىڭ پەلسەپەۋى چۈشەنچىلىرى پەلسەپەچىلەر ئۈچۈنلا بىر يول-خەرىتە بولماستىن، كالامچى ئېقىم ۋە تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىمۇ ئالاھىدە تەسىر ئاستىغا ئالغان. ھەتتا ھاياتىنىڭ ئاخىرىسىدا تەسەۋۋۇپ بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىمۇ تارىخى كىتابلارغا قەيىت قىلىنغان. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تەسىرىنى ئىسلام دۇنياسىغىلا چەكلەپ قويىشىمىز توغرا ئەمەس. ئون ئىككىنچى ئەسىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، غەربتە ئۇنىڭ پىكىرلىرى ناھايىتى ئالقىش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە پىكىرلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنىڭ ھوسۇلى نەتىجىسىدە غەرپ پەيلاسوپلىرى ئالبەرتۇس مەگنۇس، ساينت توماس، دېكارت، سىپىنوزا ۋە لېبنىزگە ئوخشاش غەرپنىڭ پەلسەپە، ئىلاھىيەتشناس ۋە بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن يىتەكچىسى بولغانلىقى ئوچۇقتۇر.[2] ئۇتتۇرا ئەسىر غەرىپ دۇنياسىدىكى «ئاۋغۇستىنچى ئىبنى سىناچىلىق»، «لاتىن ئىبنى سىناچىلىقى» قاتارلىق ئېقىملارنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىبنى سىنا پەلسەپىسىنىڭ غەرىپ پەيلاسوپلىرى ئۈستىدىكى تەسىرىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەلۋەتتە ئىبنى سىنا تەتقىقاتى ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىدىلا ئەمەس يېڭى دەۋىر پەلسەپە ئەدەبىياتىدىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ غەرىبنىڭ ئىبنى سىنا تەتقىقاتىغا بەرگەن ئەھمىيىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىبنى سىنا تەتقىقاتىغا بەرگەن ئەھمىيىتىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. كۈنىمىزدە غەرب پەلسەپە تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە دېمىترى غۇتاس، روبېرت ۋىسناۋىسكى، پىتىر ئادامسان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىبنى سىنا تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، تۈرك پەلسەپە تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە ئىبنى سىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ سانى كۆرىنەرلىك بولسىمۇ ئۆمەر ماھىر ئالپەر، ئىبراھىم خەلىل ئۈچەر، ئۆمەر تۈركەر، مەھمەت جۈنەيت كايا، ھەيرانى ئالتىنتاش، ئەكرەم دەمىرلى، ئالى دۇرۇسوي ۋە ھىدايەت پەكەرگە ئوخشاش ئىسىملارنى زىكىر قىلالىشىمىز مۇمكىن.

ھاياتى
ئىبنى سىنانىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئەلى ئەل ھۇسەين بىن ئابدۇللاھ بىن سىنا ئەل بۇخارى ئەسساھىبۇل ئەجەل شەرەفۇل مۈلك بولۇپ، تەخمىنەن 980- ياكى 81-يىلى كۈنىمىز ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھرىگە يېقىن بولغان ئەفشەنە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.[3] ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىسىنى ئوقۇغىچىسى جۇزجانىغا يازدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ يېنىدا جۇزجانىنىڭ قوشۇمچە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئىبنۇل قىفتى ۋە ئىبنى ئەبى ئۇسەيبەنىڭ ئەسەرلىرىدە نەقىل قىلىشى بىلەن باشقا ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ھايات ھېكايىلىرىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىلىم تارىخىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار مەۋجۇت.[4]
ئىسلام دۇنياسىدا «ئىبنى سىنا» تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان پەيلاسوپنىڭ، بىلىم ۋە پەلسەپە دۇنياسىدا تەڭداشسىز بىر پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىر ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلىرى تەرىپىدىن «ئەش شەيخۇر رەئىس(رەئىس شەيخ)» ئۇنۋانى بېرىلگەن. شۇنداقلا «ھۇججەتۇل ھەق، شەرەفۇل مۈلك، ئەددۇستۇر»غا ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ تونۇلغان. غەرىپ دۇنياسىدا «ئاۋىساننا»دەپ تونۇلغان بولۇپ، «پەيلاسوپلارنىڭ پىرى، شاھى» دەپ سۈپەتلىنىپ كەلمەكتە.
ئىبنى سىنانىڭ دادىسى ئابدۇللاھ، ئىبنى سىنانىڭ تۇغۇلۇشىدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ھازىرقى ئاپغانىستاننىڭ مەزارى شەرىپ شەھرىنىڭ يېنىدىكى بەلھ شەھرىدىن بۇخارا يېقىنلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، سامانى ۋالىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئىبنى سىنانىڭ تۇغىلىشى بىلەن تەڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ بۆشىكى بولغان بۇخاراغا كۆچۈپ بارغان. ئابدۇللاھ ئىسمائىلى مەزھىبىدىن بولۇپ، مائارىپى ياخشى ۋە ئىسمائىلى ئېقىمىنىڭ چۈشەنچىلىرىنىمۇ ياخشى ئىگەللىگەن بىر كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمائىلى ئېقىمىدىن بولغان ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆيى خۇددى پەلسەپە مەكتىپىگە ئوخشاپ قالغان ۋە نەتىجىدە پەلسەپە، گېئومېتىر ۋە ھىندىچە ماتېماتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىبنى سىنا بۇ پەلسەپە مۇنازىرىنىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. شۇنداقتىمۇ، ئىبنى سىنا ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىگە قوشۇلمىغان، ئىسمائىلىيە ئېقىمىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى يېتەرسىز دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان.[5]
ئىبنى سىنا ئادەتتىن تاشقىرى بىر زېرەكلىككە ئىگە بولۇپ، كىچىك يېشىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، تىل-ئەدەبىيات، فىقھى ۋە ئەقىدە ئىلىملىرى دەرسلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. پەلسەپە ئۇستازلىرىدىن پەلسەپە ساھەسىدىكى پۈتۈن تېمىلارنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن پەلسەپە ئۆگىنىشكە داۋام قىلغان بولسىمۇ يېڭى مەلۇمات ئالالمىغىنىنى كۆرگەن ئىبنى سىنا بىر مەزگىل ئۇستازلىرىدىن ئايرىم پەلسەپە ۋە بىلىم ساھەسىدە مۇستەقىل ئىزدىنىشكە ئاتلانغان. بۇ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە پەلسەپەنىڭ شاخچە مەسىلىلىرىنى پۇختا ئېگەللىگەن ئىبنى سىنا، تىبابەت ئىلمىگە دائىركىتاپلارنى ئوقۇشقا باشلىغان. ئۇ 16 يېشىغىچە تىبابەت ۋە دورىگەرچىلىكتە خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، دەۋرىنىڭ تىبابەت ئالىملىرى ئۇنى تىبابەت ئىلمىدا سۆز ساھىبى دەپ قاراپ ئىلمىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىزدەپ كېلىنگەن ئىبنى سىنا، تىبابەتتە نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە قەدەم بېسىپ، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قەدەم باسقان.[6] فىقھى ئىلمىدىمۇ جەمئىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلىشەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ئىبنى سىنا، پەلسەپەدىمۇ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەن. ئارىستوتېلنىڭ «مېتافىزىكا»ناملىق ئەسىرىنى 40 قېتىم ئوقىغان بولسىمۇ چۈشىنەلمىگەن ۋە فارابىنىڭ «ئەلئىبانە ئەن ئەغرازى ئارىستوتالىس فى كىتابى ما بەئدەت تەبىئە (ئارىستوتېلنىڭ مېتافىزىكا كىتابىدىكى مەقسەتلىرىنىڭ ئىزاھاتى)» ناملىق ئەسىرىنى ئۇشتۇمتۇت قولغا چۈشۈرۈپ ئوقۇغاندىن كېيىن چۈشىنەلمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقى تارىخى كىتابلارغا قەيت قىلىنغان.
تىبابەت ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە مەشھۇر بولغان ئىبنى سىنا، 16 يېشىدىلا تبابەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، سامانى ھۆكۈمدارى نۇھ بىن مەنسۇرنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبى بىلەن كېسىلىگە شىپا تېپىش ئۈچۈن سارايغا چاقىرتىلىپ، مەلۇم غەلبە ۋە نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرىدۇ. بۇ سەۋەپلىك ھۆكۈمدارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساراي ھەكىملىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك كىتابلار تىزىلغان ساراي كۇتۇپخانىسىغا ئىگە بولغان ئىبنى سىنا، ساراي كۇتۇپخانىسىدىكى پۈتۈن كىتابلارغا قاراپ چىقىپ، يېڭى-يېڭى ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىپادىلىرىگە قارىغاندا ئۇ 18 ياشقا كىرگۈچە پۈتۈن ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېڭى بىر مەلۇمات قالمىغان.[7] بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىلا دىن ۋە پەلسەپە بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغان. ئەلۋەتتە قەدىمكى دەۋر ئىلىم چۈشەنچىسى ھازىرقى زامان ئىلىم چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئىلىملەر «كۇللى(ئومۇمىي )» شەكىلدە ئېگەللىنىدىغان بولۇپ، بىر ئالىم ئىلىم تۈرىگە كىرىدىغان پۈتۈن ئىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ چىقىشى كېرەك. شۇندىلا نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ ئالدىغا كىرىپ، خەلق ۋە جەمئىيەتكە ھەقىقىي پايدا بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇ تۈر مۇتەپەككۇر ئالىملار مىڭ يىللار مابەينىدە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن ساناقلىقلا چىققان بولۇپ، بۇ غەلبە ۋە نەتىجىنىڭ سەۋەبى ئىلىملەرنىڭ زامانىمىزدىكىگە ئوخشاش پارچە-پارچە بولۇپ تۈرلۈك بۆلۈملەرگە ئايرىلىپ، بىر ساھەدىن خەۋىرى بار ئالىمنىڭ يەنە بىر ساھەدىن خەۋىرى يوق شەكلىدە بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى بىر پۈتۈنلۈك ۋە ئومۇمىيلىقنىڭ مەزكۇر ئالىملاردا ساقلىنىپ مۇھاپىزە قىلىنىپ كەلگەنلىكىدىن دېسەك ھېچ خاتالاشقان ۋە مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.
سامانىلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىقى 1005-يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن بۇخارادىن ئايرىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئىبنى سىنا ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىدا پاناھلىق جاي ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ گۈرگەنچ،  تۇس، جۇرجان، رەي، قازۋىن ۋە ھەمەدان شەھەرلىرىگىچە سەپەر قىلغان ۋە شەھەر ھۆكۈمدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئوخشىمىغان(ۋەزىرلىك، سىياسىي مەسلەھەتچى، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تېۋىپلىق) خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ساراي ھۆكۈمدارلىرى بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقىش، ئەسەر يېزىش ۋە شاگىرت تەربىيەلەش بىلەن ھاياتىغا داۋام قىلغان.[8]
مەزكۇر رايۇنلاردا پاتىپاراقچىلىق ۋە ھەرىكەتچان بىر ھايات ئىچىدە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئىبنى سىنا، ئىسفاھان شەھرىگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن باشقا شەھەرلەرگە نىسبەتەن خاتىرجەم بىر ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، غەزنەۋىلەر ھۆكۈمدارى سۇلتان مەسئۇتنىڭ ئىسفاھاننى ئېلىشى بىلەن تەڭ ئۆيى ۋە كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىشىدىن كېيىن ئېغىر ساراسىم ۋە غەم- قايغۇغا چۈمۈپ تەن-ساقلىقىدا جىددىي مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.[9] ئۇنىڭ دەۋرىدە مەشھۇر بولغان شىددەتلىك ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىبنى سىنا بىر مەزگىل تەن-ساقلىقى ئەسلىگە كەلگەندەك قىلسىمۇ تولۇق ساقىيالمىغان. ئىسفاھاندىكى كاكۇيى ھۆكۈمدارى ئالائۇددەۋلە بىلەن چىققان ھەمەدان سەپىرىدە شىددەتلىك ئاغرىق كېسىلى يەنە قايتا قوزغالغان بولۇپ، ھەمەدان شەھرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن 1037- يىلى ۋاپات تاپىدۇ ۋە ھەمەدانغا دەپنە قىلىنىدۇ.[10]

ئەسەرلىرى
بىلىم تۈرىگە ئائىت ھەر ساھەدە ئەسەر يازغان ئىبنى سىنانى بىر ئېنىسكىلوپېدىك ئالىمى دېيەلىشىمىز تامامەن مۇمكىن. ئۇنىڭ فىزىكا، مېتافىزىكا، ماتېماتىكا ۋە ئىلاھىيەت مەسىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى ئەڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرى قاتارىدىن ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىدىن بۇرۇۇنقى دەۋىردە ياشىغان كىندى ۋە ئەبۇ بەكرى رازىغا ئوخشاش بۈيۈك پەيلاسوپلارنىڭ قەلەمگە ئالغان ئەسەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەڭرى مەلۇماتقا ئىگە ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتالايمىز. ئىشلەتكەن ئۇسلۇبى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۈزەكى مۇنازىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلى بايان قىلىنىشى بىلەن پەرق ياراتقان ئىبنى سىنا ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيلاسوپلارنى، ھەتتا ئۇستازى فارابىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ بەزى قۇرئان سۈرلىرىنى تەپىسر قىلىشى يېنىدا ناماز، تەقدىر، پەيغەمبەرلىك ۋە ئاخىرەت مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ قەلەم ئوينىتىشى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. كىندى ۋە فارابىنىڭ ئەسەرلىرى 11- ۋە 12-ئەسىرلەردىن كېيىن ئۇنۇتۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ ئىبنى سىنانىڭ ئەسەرلىرى بارغانسېرى كەڭرى تارقىلىشقا باشلايدۇ. كىندى ۋە فارابى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىبنى سىناڭنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن نۇسخىلار شەكلىدە ساقلىنىپ كەلگەن. جورج ئاناۋىتىنىڭ «مۇئەلللافاتۇ ئىبنى سىنا» ناملىق تەتقىقاتىدا دۇنيا كۇتۇپخانلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىبنى سىناغا ئائىت 271 ئەسىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغان. يەھيا مەھدەۋىنىڭ «فىھرىست نۇسخەھاي مۇسەننەفاتى ئىبنى سىنا(ئىبنى سىنا ئەسەرلىرىنىڭ نۇسخلىرىنىڭ تېزىملىكى)» ناملىق كىتابىدا، 242 ئەسەرنىڭ 100ىنىڭ ئىبنى سىناغا ئائىت ياكى ئائىت ئەمەسلىكى ھەققىدە شۈبھىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ياكى مۇستەقىل ئەسەر ھالىتىدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ.[11]
ئىبنى سىنانىڭ «ئەش شىفا» ناملىق ئەسىرى بىر مەجمۇئە(ئەسەرلەر توپلىمى) ماھىيىتىدە بولۇپ، فىزىكتىن مېتافىزىكا ۋە مەنتىقغىچە(لوگىكا) پۈتۈن مەسىلىلەرنى يېڭىباشتىن خاتادىن توغرىنى سۈزۈپ چىقىشى ۋە مۇجمەل مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي ئىزاھلىنىشى بىلەن پەرق ياراتقان بۇ ئەسەر، ئىبنى سىنانىڭ پەلسەپەسىنى بىر پۈتۈن ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيا بىلىم تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كىتابنى ئوقىغان كىشنىڭ ئارىستوتېلنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.
ئىبنى سىنا ئەسەرلىرىدىن «ئەن نەجات(نىجاتلىق)»پەلسەپىنىڭ ئاساسى تېمىلىرى ھەققىدە، «ئەلئىشارەت ۋەت تەنبىھات(ئىشارەتلەر ۋە تەنبىھلەر)»مەنتىق، فىزىكا، ئىلاھىيەت ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرى ھەققىدە، «دانىشنامەئى ئالائى(ئالائىيە ھېكمىتى)» پەلسەپە ساھەسىدە پارىسچە يېزىلغان تۇنجى ئىنسكلوپېدىيە ئەسىرى بولۇپ، مەنتىق، تەبىئىييات(فىزىكا)، ئىلاھىيەت ۋە رىيازىييات(ماتېماتىكا) ھەققىدە، «ئەلمەبدە ۋەل مەئاد(باشلانغۇچ ۋە قايتىش)» ئەخلاق ۋە مېتافىزىكا ھەققىدە، «ئۇيۇنۇل ھىكمە» مەنتىق، فىزىكا ۋە مېتافىزىكا ھەققىدە، «ئەلمۇباھاسات» بەھمەنيار بىن مەرزۇبان ۋە ئىبنى زەيلگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن پەلسەپىۋى مۇنازىرىلىرى ھەققىدە، «ھەي بىن يەقزان» ئىنسانى رۇھ ۋە بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە، «ئەلھىكمەتۇل مەشرىقىييە» مەنتىق فزىكا، مېتافىزىكا ۋە ئىلاھىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە، «ئەلھىدايە»، «ئەلئىنساف»، «ئەھۋالۇن نەفس»رۇھ ھەققىدە، «لىسانۇل ئەرەب» كالام ۋە تەسەۋۋۇپ ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى ئەرەپچە لوغەت، «ئەل قانۇن فىت تىب(تىبابەت قانۇنى)»تىبابەتكە دائىر ئەڭ مۇھىم ئەسىرى بولۇپ، 1593تە رومادا بېسىپ تارقىتىلىپ كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، «ئەل ئۇرجۇزە فىت تىب» تىبابەت قانۇنى ئەسىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى ماھىيتىدە بولۇپ شېئىر تىلىدا يېزىلغان، «دەفئۇل مەزەررىل كۇللىيە ئەنىل ئەبدانىل ئىنسانىييە» تىبابەت ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ سىرتىدا پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى شەرھىلىگەن 22 ياكى 23 جىلدتىن تەركىپ تاپقان «ئەلھاسىل ۋەل مەھسۇل» ناملىق ئەسىرى كۈنىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.[12]

خاتىمە
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەر ئىبنى سىنانىڭ كىتابلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدا نۇرغۇنلىغان رىسالىلىرى مەۋجۇتتۇر. بۇ قىسقا ماقالىنى ئەسلىدە ئىبنى سىنانىڭ مۇھىم كىتاپلىرىدىن بىر قانچىنى زىكىر قىلىپلا ئاخىرلاشتۇرۇش يېتەرلىك بولسىمۇ كىتاپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىرىشتۇق. رىسالىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولىشى ۋە كىتاپلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كەڭرى بولىشى سەۋەپلىك ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ئىنچىگە مەلۇماتلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەسرلىرى ھەققىدە توختالغان مەخسۇس بىر ئەسەر ياكى كەڭرى بىر ماقالىنىڭ يېزىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

 
v        پايدىلانغان مەنبەلەر
1.         Hasan Hüseyin Bircan, İslam felsefesine giriş, Ensar yayınları.
 (ھەسەن ھۇسەين بىرجان، ئىسلام پەلسەپىسىگە كىرىش، ئەنسار نەشرىياتى)
2.         Mehmet Bayraktar, İslam Felsefesine giriş, Ankara Üniversitesi İlahiyat fakültesi yayınları.
(مەھمەت بايراقتار، ئىسلام پەلسەپىسىگە كىرىش، ئەنقەرە ئۇنۋېرسېتېتى نەشرىياتى)
3.         Cevher Şulul, İlk İslam Filozofu Kindi ve Felsefi Düşünceleri, 11.sayı (2015), muhafazakâr düşünce dergisi.
(جەۋھەر شۇلۇل، تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندى ۋە پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى، 2015-يىلى، 11-سان، مۇھاپىزكار چۈشەنچە ژورنىلى.)
4.         M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: tarih ve problemler, İSAM Yayınevi.
(م.جۈنەيت كايا، ئىسلام پەلسەپىسى: تارىخ ۋە مەسىلىلەر، ئىسام نەشرىياتى.)
5.         Şemsüddin Eş-Şehrezûrî, Nüzhetü’l Ervah, Türkiye Yazma Eserler Kurumu Başkanlığı Yayınları.
(شەمسۇددىن شەھرەزۇرى، نۇزھەتۇل ئەرۋاھ، (پەيلاسوپلارنىڭ تارىخى ۋە كەچۈرمىشلىرى)، تۈركىيە يازما-ئەسەر كۈلتۈر مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.)
6.         Ömer Mahir Alper, İbn Sina, İSAM Yayınları.
(ئۆمەر ماھىر ئالپەر، ئىبنى سىنا، ئىسام نەشرىياتى)


[1] M. M. Şerif, Klasik İslam Filozofları ve düşünceleri, 121.s, İnsan Yayınları.
[2] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler, 251,252. s, İSAM Yayınları.
[3] Mehmet Bayraktar, İslam Felsefesine Giriş, 223.s, Ankara Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Yayınları.
[4] Ömer Mahir Alper, İbn Sina, 15.s, İSAM Yayınları.
[5] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler, 254. s, İSAM Yayınları.
[6] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler, 254. s, İSAM Yayınları.
[7] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler, 254,255. s, İSAM Yayınları.
[8] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler, 255. s, İSAM Yayınları.
[9] M. Cüneyt Kaya, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler, 255. s, İSAM Yayınları.
[10] Mehmet Bayraktar, İslam Felsefesine Giriş, 224.s, Ankara Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Yayınları.
[11] Ömer Mahir Alper, İbn Sina, 26,27.s, İSAM Yayınları.
[12] Ömer Mahir Alper, İbn Sina, 27-32.s, İSAM Yayınları.