ئەبۇ نەسر ئەل-فارابىنىڭ بۈيۈك دۇئاسى

ئەبۇ نەسر ئەل-فارابىنىڭ بۈيۈك دۇئاسى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!


 
1. ئەي مۇتلەق مەۋجۇتلۇق! ئەي سەۋەبلەرنىڭ سەۋبى، ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان ئاللاھىم! مېنى خاتا پىكىرلەردىن قوغدىشىڭنى، ماڭا سېنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ئەمەل قىلىپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!
2. ئەي بارلىق كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھىم! ماڭا بارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنى ئاتا قىل، ئىشلىرىمدا خەيرلىك نەتىجىلەر بەرگىن، غايە ۋە ئىستەكلىرىمدە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغىن!
كائىناتتا دەريالارغا ئوخشاش ئېقىۋاتقان يەتتە سەييارىنىڭ ئىگىسى ۋە يورۇتقۇچى پەرۋەردىگار.
ئۇ چولپانلار (يۇلتۇزلار)، ئۇنىڭ ئېھسانى (ياخشىلىقى) بىلەن ۋە پۈتكۈل جەۋھىرى مەۋجۇتلۇقلارنى قاپلىغان ئىرادىسى بىلەن ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.
زۇھەل، ئۇتارىد، يۇپىتېر قاتارلىق سەييارىلەردىن ھېچنېمە ئۈمىد قىلمايمەن، خەيرنى ۋە بارلىق شەيئىلەرنى سەندىن تىلەيمەن.
3. ئاللاھىم! ماڭا گۈزەللىك لىباسىنى كەيدۈرگىن، ياخشىلىقلار ۋە گۈزەللىكلەر بەخش ئەيلە، پەيغەمبەرلەرنىڭ كارامەتلىرىنى، بايلارنىڭ سائادىتىنى، پەيلاسوپلارنىڭ بىلىمىنى ۋە تەقۋادارلارنىڭ بەختىنى ئاتا قىل!
4. ئاللاھىم! مېنى بەختسىزلىك ۋە يوقسۇللۇق ئالىمىدىن قۇتقازغىن، سالىھ، ساپ ۋە ۋاپادار كىشىلەر قاتارىدىن قىل، سىددىقلار ۋە شېھىتلەر بىلەن بىرگە قىل!
سەن شۇنداق ئۇلۇغ بىر مەۋجۇتلۇقسەنكى، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر! سەن مەۋجۇتلۇقلارنىڭ يېگانە سەۋەبى، يەر ۋە ئاسماننىڭ نۇرى. ئاللاھىم! ماڭا پائال ئەقىلدىن بىر پەيزى-ئىلھام ئاتا قىلغىن!
ئى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزىلەت ساھىبى! روھىمنى ھىكمەت نۇرلىرى بىلەن تاۋلىغىن! ئىنئام سۈپىتىدە ماڭا پۈتۈۋەتكەن نېمىتىڭگە شۈكۈر ئاتا قىل. ھەقنى ھەقىقەت سۈپىتىدە، ناھەقنى باتىل سۈپىتىدە كۆرسەت، ھەقىقەتكە ئەگىشىش ئىلھامى بەخش ئەت! ناھەقكە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ قېلىشتىن ئۇزاق قىل! نەپسىمنى ماددىنىڭ (ھەيۇلا) تەبىئىتىدىن پاكىزلا! شۈبھىسىزكى، بىرىنچى سەۋەب سەندۇرسەن.
ئەي جەمئىي مەۋجۇتلۇقلارنىڭ سەۋەبى،
چاچراپ تۇرغان پەيزىدىن بارلىققا كەلتۈرگۈچى.
قاتمۇ-قات كۆكلەرنىڭ (ئاسمانلارنىڭ) پەرۋەردىگارى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان پەرۋەردىگار.
ساڭا سېغىنىپ، بىر گۇناھكار سۈپىتىدە ساڭا يالۋۇرىمەن!
بۇ گۇناھكار ۋە پەرۋاسىزنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىل!
ئەي كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى! ئۇلۇغ ھۇزۇرۇڭدىن بىر پەيىز بىلەن نەپسىمنى ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلەردىن پاكلا!
5. ئەي ئۇلۇغ شەخسىيەتلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، پەلەكى جىسىملار ۋە ساماۋىي روھلارنىڭ ساھىبى ئاللاھىم!
قۇلۇڭغا بەشەرىي شەھۋەتلەر غالىپ كەلدى، پەس دۇنيا ۋە شەھۋەتلەر سۆيگۈسى ئۇنى چىرمىۋالدى. ئۆز ھىمايەڭنى مېنى خاتاغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىغۇچى قورغان قىل، تەقۋالىقىمنى ھەر تۈرلۈك رادىكاللىق ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا قارشى قالقان قىل. سەن بارلىق شەيئىلەرنىڭ قورشاپ تۇرغۇچى مۇھاپىزەتچىسىدۇرسەن.
6. ئى ئاللاھىم! مېنى تۆت ئۇنسۇر (ئېلېمېنت)نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇر! كەڭ ھۇزۇرۇڭغا ۋە ئۇلۇغ ماقامىڭغا ئېلىپ كەت!
7. ئاللاھىم! ماڭا بېرىلگەن ئىقتىدار ۋە كۈچنى تۇپراقلىق جىسىملەر ۋە باشقا مەۋجۇتلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوي-پىكىرىلىرىم ئوتتۇرىسىدىكى ناچار ئالاقىلىرىمنى ئۈزۈشكە سەۋەب قىل؛ روھىمنىڭ ئىلاھىي ئالەملەر ۋە ساماۋىي روھلار بىلەن بىرلىشىشىگە ھىكمەتنى ۋاسىتە قىل!
8. ئاللاھىم! جىبرىئىل ئارقىلىق روھىمنى نۇرلاندۇرغىن! ئەقلىمگە ۋە تۇيغۇلىرىمغا ئۈستۈن ھىكمەت بىلەن تەسىر قىل! جىسمانىي ئالەم ئورنىغا مالائىكىلەرنى ھەمراھ قىل!
9. ئاللاھىم! ماڭا ھەقىقەتنى ئىلھام بەخش ئەت! ئىمانىمنى تەقۋالىق بىلەن مۇجەسسەملە! نەپسىمدە دۇنيا سۆيگۈسىگە قارشى نەپرەت قوزغا!
10. ئاللاھىم! تەبئىتىمنى ۋاقىتلىق شەھۋەتلەرنى يوقىتىشقا قارشى كۈچلۈك قىل! روھىمنى مەڭگۈلۈك روھلار ماكانىغا كۆچۈر؛ ئۇنى ئۇلۇغ جەننەتلەردە قىممەتلىك ۋە شەرەپلىك مەۋجۇتلۇقلار توپىدىن ئەيلە.
11. ئەي، ھال ۋە ماقال (سۆز ۋە بەدەن) تىلى بىلەن چۈشىنىشىدىغان مەۋجۇتلۇقلاردىن ئىلگىرى بار بولغان ئاللاھىم، سەن ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاكتۇرسەن. شۈبھىسىزكى، سەن ھېكمىتىڭ بىلەن پۈتۈن مەۋجۇداتقا لايىق بولغىنىنى بەرگۈچى سەن. ئۇ مەۋجۇداتلارغا يوقلۇق ئورنىغا بارلىق ئاتا قىلغان ۋە يوقلۇققا قارشى بارلىقنى بىر نېئمەت ۋە رەھمەت قىلىپ بەرگەن زاتتۇرسەن.
ئۆزلۈك ياكى ئۆزلۈككە ئائىت پۈتۈن مەۋجۇتلۇقلار (زاتى ۋە ئارازى مەۋجۇتلۇقلار) سېنىڭ نېئمىتىڭدىن ھەمبەھىرلىنىدۇ، نېمەتلىرىڭگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. }(كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيەلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ) ، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيەسىنى سەزمەيسىلەر. {(ئىسرا 44-ئايەت).
12. ئىلاھىم! سەن ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك ۋە ھەممىدىن ئۈستۈن زاتتۇرسەن. }سەن يىگانە، بىردىنبىر ئىلاھ، تۇغمىغان ۋە تۇغۇلمىغان، ھېچنەرسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان زاتتۇرسەن، ئەكسىچە ھەممە ساڭا ئېھتىياجلىق بىر زاتتۇرسەن. {
13. ئاللاھىم! روھىمنى تۆت ئېلېمېنتتىن بارلىققا كەلگەن بىر زىندانغا قاماپ قويدۇڭ، ئۇنى پارچىلاش ئىشىنى ھەرخىل شەھۋەتلەردىن تەركىپ تاپقان يىرتقۇچىلارغا ھاۋالە قىلدىڭ.
14. ئاللاھىم! نەپسىمنى پاكلىق بىلەن شەرەپلەندۈر! ئۇنىڭغا شەپقەت قىلىش ساڭا بەكمۇ يارىشىدۇ. ساڭا لايىق بىر شەكىلدە پەزىلەت تۈسى بىلەن ئۇنى ئاسىرىغىن! كۆكتىكى ماقامىغا يىتەلىگۈدەك بىر توۋا خەير ئەيلە! مۇقەددەس ماقامىغا قايتىشىنى تېزلاشتۇر! نەپسىمنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئۈستىگە پائال ئەقىل قۇياشىنى ئاچ! جاھالەت ۋە ئازغۇنلۇق قاراڭغۇلىقىنى ئۇنىڭدىن ئۇزاق قىل! روھىمدا كۈچ ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان گۈزەللىكلەرنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈر! روھىمنى بىلىمسىزلىكنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىپ، ھىكمەتنىڭ نۇرى ۋە ئەقىلنىڭ چىرىغى بىلەن ئايدىڭلاشتۇر. {ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دوستىدۇر، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ} (بەقەرە 257-ئايەت).
15. ئەي ئاللاھىم! بىلىنمىگەنلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى روھىمغا چۈشۈمدە كۆرسەت! روھىمنى قالايمىقان قارا بېسىشتىن ساقلا! چۈشىدە ياخشىلىقلار ۋە گۈزەللىكلەرنى بېشارەت ئېلىشقا نېسىپ قىل! روھىمنى تەسىر ئاستىغا ئالغان ھېس-تۇيغۇ ۋە گۇمانلارنىڭ كىرلىرىدىن پاكلا!
روھىمنى جىسمانىي ئالەمنىڭ بۇلغۇنۇشلىرىدىن ساقلاپ قال! روھىمغا روھلار ئالەمىنىڭ يۈكسەك ماقامىدىن ئورۇن بەر! پەقەت سەنلا ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان، مېنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىمدا ياردەمچى بولىدىغان ۋە مېنى ھىمايە قىلىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇقسەن!
ھەمدۇ-سانا يىگانە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر پەيغەمبەر كەلمەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن!


ئەرەبچە ۋە تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: مەھمۇت بىلگە

ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ