روزا ۋە تەپەككۇر مۇناسىۋىتى

روزا ۋە تەپەككۇر مۇناسىۋىتى

مەھمۇت بىلگە

 

رامىزان ئېيىنىڭ ماھىيىتى ۋە روزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلىدىغانلىقى دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئومۇمىي جەھەتتىن ھەممىمىزگە مەلۇم بولسىمۇ، يەنىلا ئىنسان ئوغلىنىڭ ئۇنتۇلۇشچان تەبىئىتى سەۋەبلىك بۇ سوئالنى تەكرار سوراش، ھەتتا جاۋابىنى يېڭىلاش ۋە پەرقلىق جاۋابلارنى بېرىش ئارقىلىق پەرقلىق جاۋابلار ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئىبادەت ۋە تەپەككۇر مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىللار قاتارىدىن ھېسابلىنىلىدۇ.

رامىزان ئېيى ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاچلىق ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدىغان تەپەككۇرنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارغان بىر ئايدۇر. چۈنكى ئىنسان ئوغلى تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن بەدەنىي شەھۋەتلەردىن پاكىزلىنىشى كېرەكلىك بولۇپ، روزا ئىبادىتى بىزگە ئاچلىقتىن ئىبارەت بىر رىيازەت ۋە جاپا-مۇشەققەت ئارقىلىق تەپەككۇرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ. يېمەي-ئىچمەي كۈن ئۆتكۈزۈش تارىختىن بۇيان ئالىم، پەيلاسوپ، مۇتەسەۋۋۇپ ۋە شائىرلارنىڭ؛ بولۇپمۇ بۈيۈك پىكىرلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن ئاچلىق ۋە ياكى زېھىننى جىسمانىي لەززەت ۋە شەھۋەتلەردىن پاكىزلاش ئوي ۋە تەپەككۇرنىڭ سۈزۈلۈشى ۋە پاكىزلىنىشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ.

قەدىمكى مۇتەسەۋۋۇپ ئالىملار «ئاز يېيىش، ئاز گەپ قىلىش، ئاز ئۇخلاش»تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پىرىنسىپنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي پىرىنىسىپى قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئانا پىرىنسىپى ئاچلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئاز يېيىش دېمەك ئاز ئۇيقۇ، ئاز گەپ قىلىش دېمەكلىكتۇر؛ ئىنسان يېيىشنى ئازايتقىنىدا تەبئى ھالدا بەدىنى ئاجىزلايدۇ، ھالسىزلىنىپ ھەرىكەتلىرى ئازلاشقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ، سىرتقى ئامىللار ۋە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئازلاپ، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن-تاماشادىن توختىغان ھالدا ئۆزىنى تارتىشقا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تارايتىشقا باشلايدۇ.

ئاچلىق ۋە ياكى روزا ئىبادىتى ئىنساننى ئاجىزلاشتۇرغان ھالدا ھاياتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ زۆرۈر بولمىغانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ياكى زۆرۈر بولمىغانلارنى زۆرۈر دەپ قاراشنىڭ كېرەكسىزلىكىنى ئۆگىتىدۇ؛ كېرەكلىك ۋە كېرەكسىز پەرقىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، سىرتقى ئامىللاردىن مۇستەقىل قىلىدۇ؛ مەنىۋىي تەرەپنى ۋە ئىچكى قىسىمنى كۈچلەندۈرۈپ، تاشقى قىسىمنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. باشقا بىر دېيىش بىلەن روھ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھالدا ھەقىقىي يەڭگىللىكىنى ھېس قىلىدۇ. ماددىي كۈچلەرنىڭ ئەكسىچە مەنىۋى كۈچلەردىن ئىبارەت ئىرادە، جاسارەت ۋە سۆيگۈ كۈچلىرى تولۇپ تاشىدۇ. نەتىجىدە مەنا ۋە مەۋجۇتلۇق ھەققىدە تەپەككۇرلار بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. ئاچلىق ۋە ياكى ئاز يېيىشنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىچىش ئارزۇسى تۆۋەنلەيدۇ؛ تەبىئىي ھالدا ئاز ئۇيقۇ نەتىجە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قەدىمكى مۇتەسەۋۋۇپلار «يېيىش-ئىچىش شەھۋەتتىندۇر.» جۈملىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئېھتىياجى سىرتىدىكى بەدەنگە تېڭىلغانلانىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىغان ھالدا، بەدەنگە تېڭىلغاننى تەنقىد قىلماقچى بولغان ئىدى.

روزا ئىبادىتى ۋە ياكى ئاچلىقنىڭ روزىدارلارغا ئۆگىتىدىغىنى مۇھىم بولغان بىلەن مۇھىم بولمىغان ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىش، «زۆرۈر» ۋە «زۆرۈر ئەمەس» ئۇقۇمى ۋە ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. باشقا بىر دېيىش بىلەن روزا ئىبادىتى ئىستەك ۋە شەھۋەتنىڭ ئازىيىشىغا ۋەسىلە بولۇپ، نەپسى خاھىشىمىزنىڭ كونترول قىلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

ئاچلىق ۋە ياكى روزا ئىبادىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىدىن بىرى تەننىڭ داۋاملىق يېيىش-ئىچىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىمەن ۋە ساغلام ۋۇجۇدقا ئىگە قىلىشتۇر. ئاچلىقنى پىرىنسىپ قىلىپ بەلگىلىگەن كىشىلەر بەدەنىي ئېھتىياجلارنى ئازايتقان ھالدا «كېرەكسىز-زۆرۈر بولمىغان» تەسەررۇپلاردىن ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئاچلىقنىڭ بىر رىيازەت ئۇسۇلى بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ يېيىش-ئىچىشنى ئازايتىشتىن ئىبارەتتۇر.

 ئىنساننىڭ بەدىنى داۋاملىق ھەم ئىچىدىن ھەمدە تېشىدىن چارچايدۇ؛ ئىچىدىن چارچاش كۆپ يېيىش ۋە كۆپ ئىچىشتىن بولسا، تېشىدىن چارچاش كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. كۆپ يېمەك ۋە كۆپ ھەرىكەت ئىنساننى چارچىتىدۇ، چارچىغان ئىنساننىڭ بولسا دىققىتى بۇرۇلىدۇ؛ يېمەك-ئىچمەك سايىسىدە بارلىققا كەلگەن قۇۋۋەت ئىنساننى يېرىدە ئولتۇرغۇزماستىن داۋاملىق ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ. چۈنكى يېمەك ھەرىكەتنى، ھەرىكەت تېخىمۇ كۆپ يېيىشنى تەقەززا قىلىدۇ، مۇشۇ شەكىلدە زەنجىرسىمان داۋاملىشىدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن كۆپ ھەرىكەت ۋە كۆپ يېيىشنى ئازايتىش ئۈچۈن روزا ئىبادىتى ۋە ياكى ئاچلىق ئاۋۋال ئىنسان بەدىنىنى زەئىپلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنساننىڭ ھەرىكىتى ئازلاشقا باشلايدۇ ياكى زۆرۈر بولمىغۇچە ھەرىكەت قىلمايدۇ. ھەرىكەت ۋە كۆپ يېيىشتىن خالىي قالغان بەدەن تەبىئىي ھالدا چارچاشتىن توختايدۇ؛ ۋە بۇنىڭ مەجبۇرىي نەتىجىسى سۈپىتىدە ئاز ئۇيقۇ بارلىققا كېلىدۇ؛ ئۇيقۇنىڭ ئازىيىشى بىلەن تەڭ ۋاقىت كېڭىيىدۇ . كونىلارنىڭ «روزا تۇتۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ» جۈملىسىدىكى ئانا پىكىر روزىنىڭ ياكى ئاچلىقنىڭ ئۇيقۇسىزلىق ئاتا قىلىشى نەتىجىسىدە ئىنساننىڭ ئويغاق ۋاقتىنىڭ كۆپ بولۇشىغا تايانسا كېرەك.

روزا ۋە ياكى ئاچلىق نەتىجىسىدىكى ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئاز ئۇيقۇ بەدىلىگە كۆپ ۋاقىتقا ئېرىشكەن بولساقمۇ، زاماندىن ئىبارەت چوڭ بىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالغان بولىمىز. مانا بۇ ۋاقىتتا چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا باشلايمىز؛ بۇنچە ئۇزۇن ۋە كەڭرى ۋاقىتنى قانداق ئىشلىتىمىز؟ ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەندەك سوئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋابلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىمىز. چۈنكى ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يۈكتىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە چارە ئىزدەيمىز. زامان ئىچىدە ياشاش ۋە زاماننىڭ سىرتىغا چىقماسلىقنى ئەڭ مۇھىم-ھالقىلىق مەسىلىمىزگە ئايلاندۇرىمىز. چۈنكى بىزنى ئەڭ پۇشايمان قىلدۇردىغىنى زامان ئىچىدە ئەمەس، زامان سىرتىدا ياشىشىمىزدۇر؛ يەنى ھازىردا ئەمەس ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدە تېڭىرقاپ يۈرىشىمىزدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسان ئوغلىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغىنى ياشىيالمىغان زامانىدۇر، ئىسراپ بولۇپ كەتكەن ۋاقتىدۇر.

يۇقىرىدىكىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا روزا ۋە ياكى ئاچلىق ئىنسان بەدىنىنى شەھۋەتتىن پاكىزلاپلا قالماستىن، زېھىننىمۇ ئۆتكۈر ۋە پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاچلىقتىن ياكى روزىدىن مەقسەت تەپەككۇرنى قوزغاش بولۇپ،ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاش، ھازىرنىڭ قىممىتىنى بىلىش، ھازىرنىڭ ئۆزىنى پۇرسەت دەپ قاراش، ھازىرنى مەناغا ئىگە قىلىش ۋە ئۆزىنى ھازىرغا قارىتا تەييارلاش، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدە تېڭىرقىماسلىق نىشان قىلىنىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ۋە ماكانغا مەنا بىلەن قاراشنىڭ ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.

ئۆزىمىزگە تۆۋەندىكى سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىپ باقايلى؛روزا تۇتۇش بىزگە نېمىلەرنى ئەسلىتىدۇ؟ بىر ئاي بويىچە نېمە ئىشلارنى قىلىمىز ۋە قىلالايمىز؟ ئاۋۋالقى رامىزاندىن بۇ رامىزانغىچە نېمىلەر ئۆزگەردى، ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلىدىممۇ، ياكى چېكىنىپ كەينىمگە ياندىممۇ؟

يۇقىرىدىكى سوئاللار ئەمەلىيەتتە ئىنسان ئوغلىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىدىن سورىشى كېرەك بولغان سوئاللار قاتارىدىن بولسىمۇ، رامىزان ئېيى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى ئېتىكاپ بىزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن يۈزلىشىشىمىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا روزا ئىبادىتى، ئاچلىق ۋە ئىتىكاپ تەپەككۇر ۋە ئىنسان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدىغان مۇھىم زامان ۋە ماكان قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىگە راستچىل بولۇش ئېتىكاپ كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ، چۈنكى ئىنساننى ئەڭ كۆپ قىينايدىغىنى ئىنساننىڭ ئۆتمۈشىنى سوراققا تارتىپ ھەقىقىي ئۆزى بىلەن يۈزلىشىش جەريانىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسان ئۇنتۇشنى خالايدىغان، ئەمما ئاسانلىقچە ئۇنۇتالمايدىغان، پەقەت ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئالداش ئارقىلىق تەسەللىي تاپىدىغان بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. ئىنسان گەرچە ھەقىقەتنى سۆيسىمۇ ھەقىقەتكە يۈزلىنىشتىن قورقىدىغان بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. پەقەت تەپەككۇر ۋە ھەقىقەتنى تېپىش شەھۋىتى ئىنساننىڭ قورقۇشىنى يېڭىدىغان بىردىنبىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا روزا ئىبادىتى ئىنسان بەدىنىدە ئاچلىق پەيدا قىلىپلا قالماستىن، زېھىندە پاكىز چۈشەنچە ۋە پاكىز تەپەككۇر بەرپا قىلىدۇ.

تەپەككۇر دېمەك، ھايات، كائىنات ۋە ئاللاھ مۇناسىۋەتلىرىنى قۇرۇش ۋە ئىنساننىڭ بۇ ئۈچى ئارىسىدا نەدە ئورۇن ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ۋە داۋاملىق جاۋاب ئىزدەش ئىچىدە سىرتقى ئامىللاردىن، ئىنسانلاردىن، كۆرۈنۈشلەردىن خالىي قالغان ھالدا كۆزىنى يۇمۇش ۋە ماددىدىن ئۇزاقلاشقان ھالدا ئاڭغا يېقىنلىشىش ۋە ئاڭنى قۇچاقلاش دېمەكتۇر. چۈنكى سىرتتىكى مەۋجۇتلۇق كۆرۈنۈشتىن ئىبارەت بولسا، ئاڭ ۋە زېھىندىكى مەۋجۇتلۇق ھەقىقەت ۋە ياكى راستلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا روزا ئىبادىتى ئىنسان ھاياتىنى كۆرۈنۈش ياكى رىياكارلىقتىن قۇتقۇزۇپ، ئاڭدا يوشۇرۇنۇش ۋە زېھىندا ئاكتىپ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىدۇ. بۇ مۇمكىنچىلىك ھەر قانچە تەپەككۇر سايىسىدا بارلىققا كەلسىمۇ، تەپەككۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇتلەق مەۋجۇتلۇق بولغان تەڭرىگە باغلىق بولۇپ، تەڭرىنىڭ ئىنايىتى ۋە ئۇنىڭ مۇتلەقلىقى بىلەن مۇمكىنچىلىك ۋە نىسپىي مەۋجۇتلۇقلار بارلىققا كېلىدۇ.

يىلدا بىر كېلىدىغان، «ئايلار سۇلتانى» نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇلۇغ ئاي رامىزان ئېيىدۇر؛ شۇنداقلا پۇرسەت ۋە غەنىيمەت ئېيىدۇر. مەجبۇرىي ئاچلىق نەتىجىسىدە تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن يۈزلىشىش پۇرسىتى تۇغۇلىدىغان بىردىنبىر ئېتىكاپ ۋە تەپەككۇر ئېيىدۇر.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.  Ekrem Demirli, Oruç ve Düşünce, Fikriyat.Com.

2. Mecdî El-Hilâlî, Ramazan’da Kalplerimizi Nasıl Canlandırırız, (İstanbul: Beka Yay. 2014).

3.  Nureddin Yıldız, Ramazan Risalesi, (İstanbul: Tahlil Yay. 2018).