دىن پەلسەپەسىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە

دىن پەلسەپەسىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە
مەھمۇت بىلگە


دىن پەلسەپەسى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن بۇرۇن دىن پەلسەپەسىنىڭ ئىسلام پەلسەپەسىدىن پەرقلىق بىر تۈر ئىكەنلىكىنى ۋە دىن پەلسەپەسىنىڭ دىننىڭ تامامەن بىر ئەقىدىسى سۈپىتىدە چۈشىنىشنىڭ دىن پەلسەپەسى بىلەن ئۇدۇل بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. چۈنكى دىن پەلسەپەسى «دىن» ۋە «پەلسەپە» ئاتالغۇسىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۇقۇم بولۇپ، پەلسەپە ۋە دىننىڭ بىر - بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، دىننىڭ بىر سېستېما بەلگىلىشى ۋە پەلسەپەنىڭ يول ۋە سىستېما ھەققىدە سوئال ۋە مۇلاھىزىسى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر ئىنسانىيەت يول سىستېمىسى بولۇپ، ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ؛ يۇقىرىدا ئەسلىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تامامەن ئەقىدە سۈپىتىدە كۆرۈۋېلىش دىن پەلسەپەسىنىڭ ماھىيىتى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا مۇۋاپىق بولماي قالىدۇ.
دىن پەلسەپەسىنىڭ ئىزاھاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرى دىن ۋە پەلسەپە ھەققىدە ئاساسىي سوئاللارنى سورىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەلسەپەۋى نۇقتىدىن «دىن نېمە؟»، «پەلسەپە نېمە؟» سوئالىنىڭ جاۋابى دىن پەلسەپەسىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئالدىنقى قەدەملىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. مەۋجۇتلۇقنىڭ ماھىيىتى، مەۋجۇتلۇقنىڭ نېمە ئۈچۈن بارلىقى ھەققىدىكى سوئاللار پەلسەپە ۋە دىننىڭ ئاساسلىق سوئاللىرى بولۇپ، تەڭرى بىلەن ئالەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇرۇش ۋە تەڭرىنى تونۇش نۇقتىسىدىن ھەقىقەتكە يىتىش ۋە توغرىنى تېپىش غايىسىنى ئاساس قىلىدۇ. دىننىڭ سوئاللىرى ئومۇمىي نۇقتىدىن پەلسەپەنىڭ سوئاللىرى بولسىمۇ، پەلسەپەنىڭ مەسىلىلىرى دىننىڭ مەسىلىسى بولالماسلىقى مۇمكىن. دىن، پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت ساھەلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىن كۈنىمىزگە كەلگۈچە بىلىم، مەۋجۇتلۇق ۋە كائىنات ھەققىدە پاراللېل سوئاللارنى سوراپ، ئوخشاش مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ كېلىشكە تېرىشقان بولسىمۇ دىننىڭ ئىلاھىيلىق خاراكتېرى ۋە ۋەھىينى ئاساسىي مەنبە قىلىشى سەۋەبلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىكى سۈرئىتى پەلسەپەدىن تېز بولغان ۋە شۇنداقلا پەلسەپەدە مەسىلە سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن سوئاللار دىندا مەسىلە بولۇشتىن چىققان.
دىن ۋە دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەنقىدىي ۋە ئەقلىي تەپەككۇر يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن پەلسەپەسى ھەم دىن ھەمدە پەلسەپەگە ئائىت بىر تۈرىدۇر. چۈنكى ئىمان مەسىلىسى سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ئەڭ ئاسان بولغان بىر مەسىلە بولۇپ، دىن پەلسەپەسىنىڭ تەنقىدىي ۋە راتسىيونال تەپەككۇر مېتودى دىننىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم ۋە زۆرۈرىيەتتۇر. ئەلۋەتتە بۇ سۇيىئىستېمال مەسىلىسى دىنىي ساھەدىلا ئەمەس، ھەتتا پەلسەپە ۋە تەپەككۇر ساھەسىدىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز.[1] مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دىن ۋە پەلسەپەدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تۈر ئۈچۈن تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.
دىن پەلسەپەسى دىنىي ۋە پىكرىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەقلىي ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر مېتودىلا بولماستىن ھەم ئىلاھىيەت ھەمدە پەلسەپەنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە مېتافىزىكا، ئېتىقاد ۋە ئىدىيەدىن باشلاپ ئىبادەت، ئەخلاق، ئېتىكا ۋە سەنئەت قاتارلىقلارغىچە دىنغا بىر پۈتۈن قاراش خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈردۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دىن پەلسەپەسى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ۋە ئاممىباب بىلىمگە ئېھتىياج ھاسىل بولىدۇ. بۇ خۇددى پەلسەپە ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈن پەلسەپەنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئونتولوگىيە، ئېپىستېمولوگىيە، پىسخولوگىيە، ئەخلاق ۋە سىياسەتنى بىلىش كېرەك بولغىنىدەك دىن پەلسەپەسى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا ئىسلامنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىشنىڭ كېرەكلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلامنىڭ بىر دىن سۈپىتىدە ئۇنىڭ پەلسەپەسى بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ئىمكانىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى دىننىڭ ماھىيىتىنى ۋە نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە دىن پەلسەپەسىنىڭ خاراكتېرى روياپقا چىقىدۇ، دىن ۋە ياكى دىنلەرگە قارشى تەنقىدىي ۋە ئەقلىي تەپەككۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.[2]ئەمدى دىننىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى سوئالغا بىر قاراپ باقايلى.
«دىن» سۆزلۈكىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى بويۇن ئېگىش، ئەزىز بولۇش، خار بولۇش، ئىتائەت قىلىش، ئىسيان باشلىتىش، ھېساب-سوئال، جازا ۋە مۇكاپات دېگەندەك مەنىلەرگە كېلىدىغان بولۇپ، ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇمدىكى چۈشەنچىسىمۇ لۇغەتتىكى مەنىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا دىن ئۇقۇم سۈپىتىدە بىر پىكىر ياكى بىر دىننى قوبۇل قىلىپ ئىتائەت قىلىش مەنىسىگە كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ يېنىدا باشقا دىن ياكى باشقا پىكىرلەرنى رەت قىلىش دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا دىن بىر تەرەپتىن ئىتائەت يەنە بىر تەرەپتىن رەت قىلىش دېمەكلىكتۇر. ئەمما دىننىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر ئىزاھاتىدىن سۆز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەرخىل دىنلارنىڭ پەرقلىق قۇرۇلمىسى ۋە پەرقلىق دىنىي تېمىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى دىننىڭ ئاممىباب بىر ئىزاھاتىغا توسالغۇ بولغان ئاساسلىق ئامىللار قاتارىدىن دېيەلەيمىز. دىننىڭ ئىزاھاتى قېيىن بىر مەسىلە بولسىمۇ نىنيان سمارتنىڭ كۆز قارىشىچە پۈتۈن دىنلاردا مەۋجۇت بولغان ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار، ئىبادەتلەر ۋە تەجرىبە يەكۈنلىرى، ئەخلاق ئاساسلىرى، قىسسە ۋە ئەپسانىلىرى،  ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چېتىلىدىغان تەرەپلىرىدىن ئىبارەت بەش ئورتاق ئالاھىدىلىكتىن سۆز قىلالىشىمىز مۇمكىن.[3]
دىن بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلىق تارىخى بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغان بىر تۈردۇر. دىن تەڭرىنى مەركەزگە ئالغان ئاساستا ئىنسان، كائىنات، دۇنيا، جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇرۇشقا تېرىشىدىغان دىنى ۋە ئېتىقادىي بىر سىستېما بولۇپ، دىنىي تەلىماتلار، بۇيرۇقلار ۋە قائىدە-قۇراللار نىڭ تەڭرىدىن يا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دىننىڭ قۇرغۇچىلىرى ئاتىلار، بىلگە كىشىلەر، پەيغەمبەرلەر بولۇپ، ئۇلارغا كېلىدىغان مەلۇمات يا ۋەھىي ئارقىلىق ياكى ئىلھام ئارقىلىق كېلىدۇ. ۋەھىي ئارقىلىق كەلگەن مەلۇماتلار ھېچ تالاش-تارتىشقا كىرمەستىن دىنغا كىرگەن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.[4] ئەمما مەسىلىگە ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق ئىسلامدا ئەقىلنىڭ ۋەھىيگە ماسلىقى، ۋەھىينىڭ ئەقىلگە ماسلىقى خاراكتېرى بويىچە باشقا دىنلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرقلىق مۇلاھىزىلەر ۋە ئەقلىيەتچى بىر خاراكتېرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.
دىن ئىنسانغا ھەيرانلىق، ئۈمىدۋارلىق ، قايغۇ، قورقۇش، سىغىنىش، ئاماندا ھېس قىلىش، ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.[5] ئىشەنگەن(دىندار) بىر ئىنسان بىلەن ئىشەنمىگەن(دىنسىز) ئىنسان ئارىسىدا ئالاھىدە پەرق بولۇپ، ئىمان بىلەن ھاياجان ۋە ھەقىقىي ھەيرانلىق تەڭ ئەگىشىپ كېلىدۇ. ئىشەنگەن بىر ئىنسان ئالەمنى تەپەككۇر قىلىپ ئەقىل كۆزى بىلەن ئالەمنى بىر رەسىم رامكىسىدا تەسەۋۋۇر قىلغىنىدا ھەيرانلىق ھېس تۇيغۇسى بىلەن«ۋاي خۇدايىم» دېسە، ئىشەنمىگەن ئىنسان «نېمە دېگەن گۈزەل» دەيدۇ. بىرى «ھەيران قالارلىق» دېسە، يەنە بىرى «سۇبھانەللاھ» دەيدۇ. ئىشەنگەن كىشى رەسىم رامكىسىدىكى ئالەمنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيران قالارلىق بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنىڭ ئارقىسىدا، يەنى رەسىم رامكىسىنىڭ سىرتىدا تەڭرىنى كۆرسە يەنە بىرى رەسىم رامكىسىغا ھەيرانلىقى بىلەن قارىغان ھالدا رەسىم رامكىسىنىڭ ئىچىگە چۈمۈپ كەتكەن بولسىمۇ، رەسىم رامكىسىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ.[6] ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئۇپۇق دائىرىسى ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ ئۇپۇق دائىرىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، تەپەككۇر دائىرىسى تېخىمۇ كەڭرى ۋە خىيال كۈچىگە باي كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىشەنگەن كىشى ئىشەنمىگەن كىشىگە نىسبەتەن تەپەككۇر ۋە خىيال كۈچى نۇقتىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپلا قالماستىن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارغا ئىگە بولغان كىشىدۇر دېيەلىشىمىز تامامەن مۇمكىن. ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تار دائىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ قېلىشى، فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ئىچىدىن مېتافىزىكىلىق ئالەمگە ئاتلىيالماسلىقى ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن سەلبىي بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ھەيرانلىق تۇيغۇسى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىلىم ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى قەدەملىرى ياكى تۇنجى شەرتى ھېسابلىنىدۇ.
دىننىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىدىن يەنە بىرى ئىنسان ھاياتىنى مەنىلىك قىلىش بىلەن بىرگە تەپەككۇر جەريانىدا تۇغۇلغان سوئاللارنىڭ ئىزاھاتىنى بېرىشى، «نەدىن كەلدىم، نەگە كېتىۋاتىمەن»دېگەندەك مۇھىم ۋە ئاساسىي سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىشى بولدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا دىن ئىنسانغا بىر غايە تىكلەش ئارقىلىق ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشىنىڭ كاپالىتىنى بېرىشكە تېرىشماقتا. قىممەت-قاراش، مەنا ۋە غايە بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار بولۇپ، قىممەت قاراشلىرىمىز غايىمىز بولىدۇ، غايە تىكلەنگىنىدە ھايات مەناغا تولىدۇ. دىن ھايات بىلەن بىرگە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىنسان ئوغلىغا مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ھەققىدىمۇ ئىزاھاتلار ئوتتۇرىغا قويماقتا[7]؛ پانىي دۇنيا بىلەن باقىي دۇنيا پەرقىنى ۋەھىي ئاساسىدا ئەقلىي تەپەككۇر مېتودى ھەمراھلىقىدا ئىزاھلاشقا تېرىشماقتا.
تەجرىبە ساھەسى سىرتىدىكى مېتافىزىكا ئىنسانلارغا نىسبەتەن يەتكۈچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بولۇپمۇ ماددىنى مەركەزگە ئالغان ماددزىمچى ياكى ماتېريالىزمچىلارغا نىسبەتەن ئېنىقسىز بولۇپلا قالماستىن مېتافىزىكىنى ئونتولوگىيەنىڭ سىرتىدا دەپ قارايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا مېتافىزىكىنى رەت قىلىپ، ئېپىستېمولوگىيەنى تەجرىبە قىلغىلى بولىدىغان بىلىم پەلسەپەسى سۈپىتىدە ئىزاھلاپ، تەجرىبە قىلىنمىغان مەۋجۇتلۇقلار، تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا بەش ھېس-تۇيغۇ ئەزالىرىمىز بىلەن تۇيۇش مۇمكىن بولمىغان مەۋجۇتلۇقلار ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ بىر نۇقتىدىن دىننى ئىنكار قىلىشقا قاراپ ماڭغانلىق بولۇپ، دىننىڭ مەنىۋى تەرىپىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقتۇر. تۈۋەندە دىن پەلسەپەسىنىڭ مۇھىم بىر مەسىلىسى سۈپىتىدە مېتافىزىكىنىڭ ئېنىقسىزلىقى مەسىلىسىگە بىر قاراپ چىقايلى.
پەلسەپە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھايات، ئەخلاق، قىممەت-قاراش، بىلىم ۋە دىن ساھەسىدە مۇتلەق-كەسكىن يەكۈنگە بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاساستا «مېتافىزىكىلىق ئېنىقسىزلىق» ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەن؛ بۇ پىكىر مەۋجۇتلۇق ۋە كائىناتقا «تەڭرىنىڭ كۆزى بىلەن قاراش ئىمكانىمىز يوقتۇر» جۈملىسى بىلەن تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەنگەن. ھالبۇكى پەلسەپەۋى تەپەككۇر مەۋجۇتلۇق ۋە كائىناتنىڭ سىرلىرى ۋە سەۋەبلىرىنى ئىزدىنىش ئۈچۈن بار بولۇپ[8]، دىنمۇ تەڭرى ۋە كائىنات ھەققىدە ئىزاھاتلار ئوتتۇرىغا قويۇش، مۈجمەللىكنى يوق قىلىپ قاراڭغۇلۇقنىڭ يوق بولۇشى ۋە مەنانىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن ھەم ۋەھىي ھەمدە ئەقىل ۋاسىتىسى بىلەن ھەسسە قوشۇۋاتقان بىر تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەتكە يىتىش غايىسى نۇقتىسىدىن پەلسەپە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىدۇ.
مېتافىزىكىلىق ئېنىقسىزلىق پىكرى ئىممانۇئېل كانت تەرىپىدىن كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مېتافىزىكا ساھەسىنىڭ بىلىش ئىمكانىيىتىمىزنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئېپىستېمولوگىيەنىڭ مەسىلىسى بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئېنىقسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇنان دۇنياسىدا ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېل؛ ئسىلام دۇنياسىدا فارابى، ئىبنى سىنا، غەززالى ۋە ئىبنى ئەرەبى؛ ئوتتۇرا ئەسىر پەيلاسوپلىرىدىن دېكارت، گېگىل، سپىنوزا ۋە لېيبنىزگە ئوخشاش مۆتىۋەر پەيلاسوپلار كۈچىنىڭ يېتىشىچە تېرىشقان بولسىمۇ، كانتنىڭ پىكرى پەلسەپە ۋە پىكىر تارىخىدا بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. پوزىتىۋىزىم پەلسەپەسى كانتنىڭ پىكرىدىن پايدىلانغان ئاساستا مېتافىزىكىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مېتافىزىكنى رەت قىلىشقا باشلىدى. يەنى كانت مېتافىزىكا ئېپىستېمولوگىيە ساھەسى ئەمەس دېسە،  پوزىتىۋىزىم پەلسەپەسى ھەم ئېپىتېمولوگىيە ھەمدە ئونتولوگيەنىڭ ساھەسى ئەمەس دېيىش ئارقىلىق مېتافىزىكىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى. مېتافىزىكچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مېتافىزىكا بىر ئىمان ۋە دىن  مەسىلىسى ئىدى. ھالبۇكى كانتنىڭ پىكرى مېتافىزىكىنىڭ يوقلۇقى مەسىلىسى ئەمەس بىلىش كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىقى مەسىلىسى بولۇپ، كانتتىن بۇرۇن ياشىغان ۋە پەيلاسوپلارنىڭ رادىكال ئەقلىيەتچىلىكىنى تەنقىد قىلغان ئىمام غەززالى تەرىپىدىنمۇ مېتافىزىكا ساھەسىنىڭ ئېپىستېمولوگىيە(بىلىم) ساھەسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. فىزىكا بىلەن قانائەت ھاسىل قىلالماي ئاستروفىزىكىدىن يولغا چىققان ئاساستا مېتافىزىكا بىلەن شۇغۇللانغان خاۋكىڭ مەسخىرە ئارىلاش بىر جۈملە قۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيلاسوپلار، بىلىم ئىنسانلىرى، نورمال ئىنسانلار، يەنى ھەممىمىز، بىزنىڭ ۋە كائىناتنىڭ نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانلىقى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشمىلارغا ئاكتىپ قېتلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئىنسانلار بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالايدىغان بولساق، بۇ تېپىش ئىنسان ئەقلىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى بولىدۇ. چۈنكى ئەنە شۇ ۋاقىتتا تەڭرىنىڭ ئەقلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن.» جۈملىسى ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان بىلىملەر ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ بىھۇدىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە بىر نۇقتىدىن مېتافىزىكىنىڭ ئېپىستېمولوگيە ساھەسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. مەزكۇر مەسىلىگە دىنى نۇقتىدىن قاراپ باقىدىغان بولساق ئىسلام پەيلاسوپى ۋە ئاسترونومىيە ئالىمى بىرۇنىي قۇرئاننىڭ «بىلىمدە داۋاملىق تارتىشما خاراكتېرگە ئىگە مەسىلىلەرگە قارىتا ئىنساننى چەكلەپ قويغۇچى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىمدىكى تەرەققياتنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشى پىكرىنى كۈچلەندۈرمەكتە ۋە مۇتلەق كەسكىنلىكنىڭ بىلىمدە ئورنى يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە. مەزكۇر ئېنىقسىزلىق ۋە مۇتلەق كەسكىنلىكنىڭ ئىمكانسىزلىقى مەسىلىسى ھەم ئىجابىي ھەمدە سەلبىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئېنىقسىزلىقلارنىڭ ئىنسانغا نىسبەتەن قايغۇ ۋە قورقۇنچ بىلەن نەتىجىلىنىشى سەلبىي تەرەپتىتن ئىبارەتتۇر؛ ئېنىقسىزلىقنىڭ ئىجابىي نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىنساننىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلىشى، تەپەككۇرغا ئاتلىنىشى، مەنىلىك بىر ھايات سۈرۈشكە تېرىشىشىغا ئوخشاش ئۈمۈد بىلەن تولغان بىر ھاياتنى قۇرۇشقا كۆتۈرپ بارىدۇ. شۇنداقلا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى ۋە ئېنىقسىزلىقنىڭ چارىسى سۈپىتىدە دىن ۋە پەلسەپە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېرىشىپ، مەسىلىلەرگە ھەم ۋەھىي ھەمدە ئەقىل ۋاستىسى سايىسىدا جاۋاب ئىزدەشكە تېرىشىدۇ.[9]
نەتىجە ئېتىبارى بىلەن دىن پەلسەپەسى، پەلسەپەۋى بىر تەپەككۇر سىستېمىسى سۈپىتىدە دىنىي چۈشەنچە ئاساسلىرى ۋە مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرۈتىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمىلىكى، ھەقىقەت ئوبيېكتىپمۇ ياكى سۇبيېكتىپمۇ ، باشقا بىر ئىپادە بىلەن ھەقىقەت مۇتلەق ئۇقۇممۇ نىسپىي ئۇقۇممۇ مەسىلىسى دىن پەلسەپەسىنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدىكى توغرىلىرغا ئۇل ۋە ئاساس بېكىتىش بىر زۆرۈرىيەتتۇر. دىن پەلسەپەسى ۋەھىي ۋە دىننىڭ دوگما تەلىماتلىرى بىلەن ئەمەس، ئىنسانىي تېرىشچانلىق ۋە ئەقلىي تەپەككۇر مېتودى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.
دىن بىلەن پەلسەپەسىنىڭ پەرقى سۈپىتىدە قىسقىچە تۈۋەندىكى جۈملىلەرنى قۇرۇپ چىقالىشىمىز مۇمكىن: دىننىڭ جەۋھىرى ۋەھىيدىن كەلسە، پەلسەپەنىڭ جەۋھىرى ئىنسانى تېرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تەپەككۇردۇر. دىن ئىمانىي بىر مەسىلە بولسا، پەلسەپە ئىنسانىي بىر مەسىلىدۇر. پەلسەپە بىلىش ۋە چۈشىنىشنى ئاساس قىلسا، دىن ئىشىنىش ۋە بويۇن ئېگىشنى ئاساس قىلىدۇ.[10] دىن بىلەن پەلسەپە گەرچە پەرقلىق تۈرلەر بولسىمۇ غايىسى نۇقتىسىدىن بىر ئوخشاشلىق كۆرەلەيمىز. تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندىي تۇنجى پەلسەپە ناملىق رىسالىسىدە پەلسەپەنىڭ ئىنساننىڭ تاقىتى يىتىشىچە شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش دەپ ئىزاھلايدۇ.[11] فارابىي «ئۆزلىكىدىن مەۋجۇتلۇقى ۋاجىب بولغان ھەق تائالانىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىدە بىلىنىشىدۇر»[12] دەپ ئىزاھلىسا، ئىبنى سىنا كىندىيگە تېخىمۇ يېقىن بىر ئىزاھات بىلەن پەلسەپەنى «ئىنساننىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىگەللىشى بىلەن مۇكەممەللىشىپ تەكامۇللۇققا ئېرىشىشى»[13] دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا پەلسەپەمۇ ھەقىقەتكە يىتىش ۋە توغرىنى تېپىش غايىسى نۇقتىسىدىن دىن بىلەن ئوخشاش نۇقتىدا تېپىشىدۇ.
دىن پەلسەپەسىنىڭ پەلسەپەدىن بولغان پەرقى ياكى دىن پەلسەپەسىنىڭ پەلسەپەنىڭ بىر شاخچىسى ياكى بىر تۈرى سۈپىتىدە دىننىڭ پەرقلىق ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، مەسىلەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەسىلىسى ھەم پەلسەپە ھەمدە كالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تېما بولۇپ، ئىلاھىيەت، پەلسەپە، تەسەۋۋۇپ ۋە كالامى تارتىشمىلار سۈپىتىدە ساھەلەر ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق مۇلاھىزىلەر بارلىققا كەلگەن. دىن پەلسەپەسى تەڭرى ۋە تەڭرىنىڭ سۈپەتلىرى، پەرقلىق تەڭرى چۈشەنچىلىرى، دىندارلىق ۋە دىنسىزلىق مەسىلىلىرى ۋە تەپەككۇرلىرى ھەققىدە تەنقىدىي ۋە راتسئونال تەپەككۇر يۈرۈتكەن ئاساستا ھەقىقەتنىڭ ئىشىكىنى چېكىدۇ.[14]
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا دىن پەلسەپەسى مەلۇم بىر تېئولوگىيە ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلماستىن، ئومۇمىي جەھەتتىن پۈتۈن تېئولوگىيەلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئاساستا دىن ئۇقۇمى ۋە مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئاممىباب مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، دىننىڭ ئەقىل ۋە ئەخلاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى؛ ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەسىلىسىدە دىن ۋە ئەقىلنىڭ مەيدانى؛ تەڭرى ۋە مەڭگۈلۈك ھەقىقەت؛ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە دەلىللىرى؛ تەڭرى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى، ئاتېئىزم ۋە تېئىزم ؛ دىنى تەجرىبە، ئىبادەت ۋە دۇئا؛ ۋەھىي ۋە مۆجىزە؛ دىنىي تىل ۋە دىنىي ئەدەبىيات؛ تەڭرى، تەقدىر، ۋە ئەركىنلىك؛ ئۆلۈم ۋە ئابى ھايات؛ دىن ۋە بىلىم؛ دىن، ئېتىكا ۋە سەنئەت؛ دىنىي سەرخىللىق مەسىلىسى دىن پەلسەپەسىنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرى بولۇپ، ھەم پەلسەپە ھەمدە دىننىڭ ئورتاق مەسىلىلىرى ئۈستىدە جاۋاب ئىزدەشكە تېرىشىدىغان بىر تۈر دېيىشكە بولىدۇ.[15]

 

ماقالىنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ


پايدىلانغان مەنبەلەر:
1.         Latif Tokat, ed., Din Felsefesi, 2. bs (Ankara: Bİlay Yayınları, 2019).
2.         Ayhan Bıçak, “Din Felsefesi-Felsefe”, Din&Felsefe Araştırmaları Dergisi, 1, sy 2 (2018).
3.         Aydın Topaloğlu, Ateizm Çıkmazı, 6. bs (Ankara: DİB, 2019).
4.         Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, 11.bs (İstanbul, Klasik Yayınları, 2017).
5.         Mehmet Bayrakdar, İslam Felsefesine Giriş, (Ankara, AÜİF Yay. 1988).
6.         Ömer Mahir Alper, İbn Sina, (İstanbul, İSAM Yay. 2020).
7.         Celal Türer, Felsefe Tarihi, 1.bs, (Ankara, Bilay Yayınları, 2019).
8.         ئەۋلاد تور لوغىتى 


[1] Latif Tokat, ed., Din Felsefesi, 2. bs (Ankara: Bİlay Yayınları, 2019). s.11-12.
[2] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.12
[3] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.19
[4] Ayhan Bıçak, “Din Felsefesi-Felsefe”, Din&Felsefe Araştırmaları Dergisi, 1, sy 2 (2018), s.100
[5] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.20.
[6] Aydın Topaloğlu, Ateizm Çıkmazı, 6. bs (Ankara: DİB, 2019), s.15-16

 

 
[7] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.20-21.
[8] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.21.
[9] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.21-25.
[10] Latif Tokat, ed. Din Felsefesi, s.31
[11] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, 11.bs (İstanbul, Klasik Yayınları, 2017), s.7
[12] Mehmet Bayrakdar, İslam Felsefesine Giriş, (Ankara, AÜİF Yay. 1988), s.26
[13] Ömer Mahir Alper, İbn Sina, (İstanbul, İSAM Yay. 2020), s. 53
[14] Celal Türer, Felsefe Tarihi, 1.bs, (Ankara, Bilay Yayınları, 2019), s.41-42.
[15] Celal Türer, Felsefe Tarihi, s.41.