دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتى

دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتى
مەھمۇت بىلگە


دىن تەلىماتلىرىنىڭ غايىسى ھەقىقەت بولغىنىدەك، پەلسەپەنىڭ ماھىيىتى بولغان تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەقىقەت ۋە توغرا بولغاننى تېپىش ئۇسۇلى پەلسەپەنىڭمۇ ھەقىقەتنى تېپىش غايىسىدىن بارلىققا كەلگەن پەلسەپەۋى بىر مېتوتتۇر. «ھىدايەتنامە» ناملىق ئەسىرىدە ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ئېقىملارنى تۆت قىسىمغا بۆلگەن غەززالى، ئۇلارنىڭ ئەھلى كالام، ئەھلى تەسەۋۋۇپ، باتىنىلار ۋە پەيلاسوپلار[1] ئېقىمىدىن ئىبارەت بۇ تۆت گۇرۇپپىنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان ئېقىملار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.
كالام ۋە تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ئاساسلىق ئىسلام ئاساسلىرى ياكى ۋەھىي ئۈستىگە قۇرۇلغان دىنى بىر ئېقىم بولۇپ، ئەقىل-ۋەھىي مۇناسىۋىتىدە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ۋەھىينى ئەقىلدىن ئۈستۈن كۆرۈپ كەلگەنلەر دىيىشكە بولىدۇ. پەيلاسوپلار پەلسەپەنى، يەنى ئەقىلنى ئاساس قىلغان ۋە دىن بىلەن پەلسەپەنى بىرلەشتۈرۈش نوقتىسىدىن ھەم پەلسەپە ھەمدە دىن ئاساسىدا بىر ئېقىم سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە ئەقىل-ۋەھىي مۇناسىۋىتىدە ئەقىلنى ئۈستۈن ئورۇندا قويغان ئېقىم دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر گۇرۇپپا ھەقىقەتنىڭ مىزانىنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر گۇرۇپپا ئەقىل ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. بىرىنجى گۇرۇپپا كۆپىنچە ئەھلى كالام ۋە تەسەۋۋۇپى ئېقىملاردىن بارلىققا كەلسە، ئىككىنچى گۇرۇپپا كۆپىنچە پەيلاسوپلار ۋە بەزى ئەھلى كالام گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەزكۇر ئېقىملار ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئاساسلىق ئېقىملاردىن ھېسابلىنىدۇ .
بۇ قىسقا ماقالىدە ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ بىردىن بىر غايىسى قىلغان دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ پەرقلىق ۋە ئوخشاش نۇقتىلىرىغا نەزەر سالغان ئاساستا ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ قۇرغۇچى شەخسىيەتلىرىدىن بولغان كىندىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەسى ئاساسىدا دىن-پەلسەپە مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا تېرىشىلىدۇ.
ئىسلام پىكىر ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ كالامدىن پەلسەپەگە يۈزلىنىشى[2] ۋە پەلسەپە ئىجادىيىتىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەسىلە بولغان ۋە «تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان كىندىي، پەلسەپەنىڭ ئىزاھاتىنى «كىتاب فىل فەلسەفەتىل ئۇۋلا»(تۇنجى پەلسەپە ھەققىدە) ناملىق رىسالىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئۇ پەلسەپەنى ئىزاھلاش ئارقىلىق پەلسەپەنىڭ كالام ۋە تەسەۋۋۇپقا ئوخشاش ھەقىقەت، بىلىم ۋە مەۋجۇتلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان بىر پىكىر سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقچى. ئۇنىڭ ئىزاھاتىغا قارىغاندا:«پەلسەپە ئىنساننىڭ تاقىتى يىتىشىچە مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش.»[3] دېمەكلىك بولۇپ، پۈتۈن كائىنات ۋە بارلىقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ تەتقىقاتنىڭ ھەقىقەت مىزانىغا، يەنى ئەقىل ۋە مەنتىقىنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى ھەقىقەتلەر كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، مەنتىق ۋە ئەقىلنىڭ يولى بىردۇر .
كىندىينىڭ كۆز قارىشىچە ئىلىم ۋە ئىنسانىي سەنئەتلەر ئىچىدە مەرتىۋە ۋە قىممىتى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا پەلسەپە ئەڭ ئۈستۈن مەرتىۋىنى ئىگىلەيدۇ . ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەلسەپەۋى ئىلىملەرمۇ ئۆز ئىچىدە پەرقلىق مەرتىۋىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئۈستۈن پەلسەپەنىڭ "تۇنجى پەلسەپە"[4] ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كىندىي "تۇنجى پەلسەپە" ئاتالغۇسى بىلەن "تۇنجى ھەقىقەت"نىڭ ئىلىمىنى بېرىدىغان يەنى تەڭرىنىڭ بىرلىكى، بارلىقى ۋە مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى ئىلىمنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، "مېتافىزىكا" ۋە "ئىلاھىيەت"(ئىلاھ بىلىمى) قاتارلىق ئىلىملەرنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ.
 تۇنجى پەلسەپە ياكى مېتافىزىكىنىڭ باشقا پەلسەپەلەرگە(فىزىكا، سىياسەت، ئەخلاق، پىسخولوگىيە ۋە ئېپىستېمولوگىىيە) قارىغاندا ئۈستۈن بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى كائىناتنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن بارلىقلارنىڭ سەۋەبچىسى بولغان «تۇنجى سەۋەب»نى بىلىش ئىكەنلىكىگە باغلايدۇ. چۈنكى كائىنات بىرىنچى سەۋەبنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تۈپەيلى نەتىجىدىن زىيادە نەتىجىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش پەلسەپە ۋە بىلىمنىڭ ھەقىقەتنى تېپىش غايىسى نۇقتىسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كىندىيگە نىسبەتەن بىلىش ۋە ھەقىقەت مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان تۆت سوئال سۆزلىكى مەۋجۇت بولۇپ، بارلىقلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش نۇقتىسىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار "ھەل"(مۇ ياكى مىتى)، "ما"(نېمە)، "اي"(قايسىسى)، "لىمە"(نېمە ئۈچۈن)قاتارلىق تۆت سوئالدىن ئىبارەتتۇر. «ئۇ، بارمۇ» جۈملىسىدىكى "مۇ" سوئالى بارلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سوراق-سوئال بولۇپ، يوقلۇق ۋە بارلىقنى ئايرىش ئۈچۈن سورالغان بىر سوئالدۇر. "نېمە" سوئالى بارلىقنىڭ تۈرى ھەققىدە، "قايسىسى" سوئالى نەرسە ياكى بارلىقنىڭ ئايرىمى ياكى تەپسىلاتى ھەققىدە، "نېمە ئۈچۈن" سوئالى غايە خاراكتېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،[5] غايە ۋە سەۋەب ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مۇھىم بىر سوراق ۋە سوئال ئامىلىدۇر. يۇقىرىقىلارغا قارىغاندا كىندىينىڭ پەلسەپەنى دىننىڭ تېمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىگە ئوخشاش بىر ئارىلىشىشنى كۆرۈپ يېتىمىز. چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن "تۇنجى سەۋەب" ھەققىدە ئىزدىنىش بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ مەجبۇرى تۇنجى شەرتى بولۇپ، سەۋەب ئالىمى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش بىزنى بىرىنچى سەۋەبكە باشلايدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن سەۋەب ۋە نەتىجىنى بىلىش مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە[6] قاراپ ئىلگىرىلەش دېمەكتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىزمۇ بىرىنچى سەۋەبنىڭ نەتىجىسى ياكى مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزگەن سەۋەبنى ئىزدەيمىز. بۇ سەۋەبتىن "بىرىنچى سەۋەب" ھەم پۈتۈن سەۋەبلەرنىڭ ھەمدە پۈتۈن نەتىجىلەرنىڭ سەۋەبى بولۇپ، زامانىنىڭمۇ سەۋەبى بىرىنچى سەۋەبدۇر. كىندىيگە نىسبەتەن بىرىنچى سەۋەب تەڭرى بولۇپ، پۈتۈن كائىنات ۋە ماددىي -مەنىۋى بارلىقلارنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ئىزاھلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
پەيغەمبەرلەر ۋاسىتىسى بىلەن ۋەھىي ئارقىلىق كەلگەن ئىلاھىيەت، ۋەھدانىيەت ۋە ئەخلاق بىلىمى قاتارلىقلار ھەقىقەت ئۈستىدە تۇرۇش ۋە ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق بولغاننى زىيانلىق بولغاندىن ئايرىش ۋە ھەقىقەتكە يېتىشكە ئوخشاش قىممەت-قاراشلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ،[7] كىندىيگە نىسبەتەن دىن ۋە پەلسەپە ھەقىقەت غايىسىگە يىتىش نۇقتىسىدىن بىر-بىرىنى قوللايدىغان ياكى بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى ئايرىم تۈرلەردۇر.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا كىندىي دىن بىلەن پەلسەپەنى ھەقىقەتكە يىتىش غايىسى نۇقتىسىدىن مۇناسىۋەتلەندۈرگەن بولۇپ، پەلسەپەنى دىنگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ دىننىڭ مەنبەسىنىڭ ئىلاھى، پەلسەپەنىڭ مەنبەسىنىڭ ئەقىل، يەنى بەشەرىي بىر تۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىننىڭ پەلسەپەدىن تېخىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دىننىڭ ئىلاھى ۋە پەلسەپەنىڭ بەشەرىي بىر تۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنداقتا كىندىيگە نىسبەتەن پەيغەمبەر ۋەھىي ئارقىلىق ھەقىقەت ياكى بىلىمگە بىۋاسىتە ئېرىشسە، پەيلاسوپ ئەقىل ئىشلىتىش ۋە مەنتىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش نەتىجىسىدە ھەقىقەت ۋە بىلىمگە ئىگە بولىدۇ.[8]
مېتافىزىكا ۋە ئىلاھىيەتنى ئىلاھىيلىق خاراكتېرى بىلەن بەشەرىي خاراكتېردىكى پەلسەپەدىن مەرتىۋە جەھەتتە يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىندىي پەلسەپەنىڭ مۇھىملىقى ۋە پەلسەپەچىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتمۈشكە تەشەككۈر قەرزى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا  قويغان ھالدا پىكىر ۋە چۈشەنچىلەر مىراسى سەۋەبلىك ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلارنى «ئۇلاردىن ئاز-كۆپ پايدىلانغان بولساقمۇ، ۋە ھەر قانچە بەزى ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يىتەلمىگەن بولسىمۇ ئۇلار بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز» جۈملىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە ئەسلىدە ھەقىقەت ۋە بىلىمگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئاز بولسىمۇ ئىنسانىيەتكە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشكە ۋەسىلىسى بولغانلارغا قارشى تەشەككۈرىمىزنىڭ ناھايىتى بۈيۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە بىزنى ھەمراھ قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى تېپىشىنىڭ ئاسانلاشقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا، ئارىستوتېلنىڭ «بىزگە ھەقىقەت نامى ئاستىدا بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلەر بىر تەرەپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىغىمۇ تەشەككۈر ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، چۈنكى ئاتىلار ئەۋلادلىرىنىڭ بارلىق سەۋەبى، ۋە بۇلارمۇ بىزنىڭ ھەقىقەتكە يېتىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.» سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش پەيلاسوپلىرى ھەققىدىكى پىكىر ۋە كۆز-قاراشلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ.[9]
كىندىي قەدىمكى پەيلاسوپلارغا تەشەككۈرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ھەقىقەت ۋە پەلسەپەنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن پەلسەپەگە قارشى چىققانلار ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈپ، پەلسەپەگە قارشى چىققانلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ھېس قىلمىغان ھالدا پەلسەپە بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، بىر تەرەپتىن پەلسەپەگە قارشى چىقىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پەلسەپە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن مەنتىقسىز ۋە باتىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خەلقنى ئازدۇرۇپ، دىن تىجارىتى قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پەلسەپەنى رەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتنى رەت قىلىش بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق بىر كىشىنىڭ دىن بىلەن يېقىندىن-ئۇزاقتىن بىر مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇ «تۇنجى پەلسەپە ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىدە پەلسەپەگە قارشى چىققانلارنى ھەسەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بىلەن ئەيىبلەيدۇ . ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ھەقنى كۆرىدىغان كۆزىنى(قەلبىنى) قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن خالى قالغان؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ماقامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەقىقەت ئەھلى ۋە پەزىلەت ساھىبى كىشىلەرنى پاتۇرماي ئۇلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ؛ مەقسەتلىرى دىن سودىگەرلىكى قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس؛ چۈنكى نېمىنىڭ سودىسى بىلەن مەشغۇل بولسا ئۇنى ساتىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك ھەقنى دېگەن ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلارنى كۇفرى بىلەن تۆھمەت قىلغان كىشىنىڭ دىن بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى قالمايدۇ.[10] بۇ خىل كىشىلەر كىندىينىڭ قارىشىچە دىن ساتار موللىلاردىن ئىبارەتتۇر.
كىندىيدىن بۇرۇن ئەقىل ۋەھىي مۇناسىۋىتىدە ئەقىلنى ئالدىنقى پىلانغا قويغان ئەقىلچى گۇرۇپپىلاردىن مۇئتەزىلە ئېقىمى كېلىدىغان بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەسىلىسىدە ۋەھىي نازىل بولمىغان  بولسىمۇ ئىنساننىڭ ئەقلى ياماندىن ياخشىنى، سەت بولغاندىن گۈزەل بولغاننى ئايرىش نۇقتىسىدا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىدە ماترۇدى ئېقىمى بىلەن مۇئتەزىلە ئېقىمى ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، ئەشئەرى ئېقىمى ۋەھىي نازىل بولماستىن ئىنسان ئەقلىنىڭ ياخشى-ياماننى ئايرىيالمايدىغانلىقى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كىندىي مۇئتەزىلە ۋە ماترۇدى ئېقىمىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەقىل-ۋەھىي، دىن- پەلسەپە مۇناسىۋىتىنى غايە ۋە مەقسەت نىشانى نۇقتىسىدا قورۇپ چىقىپ، ئەقىل بىلەن ۋەھىينىڭ، دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنىڭ تامامەن ئوخشاش[11]ئىكەنلىكىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ ئەڭ ئالدىنقى مەسىلىسى تەڭرىنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقى مەسىلىسى بولۇپ، ھەر ئىككىسى بۇ ئورتاق نىشان ئۈچۈن تېرىشىدىغان ئىككى پەرقلىق  تۈردۇر .
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا كىندىي پەلسەپەسىدە ھەقىقەت، بىلىم ۋە گۈزەللىككە ئوخشاش ئىجابىي بارلىقلار دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە يەتمەكچى بولغان غايىسى بولۇپ، پەيلاسوپ بىلەن پەيغەمبەر ئاۋامنىڭ ھەقىقەت يېتەكچىلىرى ۋە بىر-بىرىنى قوللايدىغان رەھبەرلەر بولۇپ، توقۇنۇش ۋە سۈركىلىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دىن بىلەن پەلسەپە، ئەقىل بىلەن ۋەھىي، پەيلاسوپ بىلەن پەيغەمبەر ئوخشاش كېمىنىڭ يولۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 

پايدىلانغان مەنبەلەر:
1.     Gazzâlî, El-Münkizü Mine’d Dalâl, trc. Abdurrezzak Tek, Bursa, Emin Yayınları, 2017.
2.     Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, İstanbul, Klasik Yayınları, 2017.
3.     Mahmut Kaya, “Kindi: İslam Dünyasının Felsefeyle Tanışması”, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler içinde, Ed. M. Cüneyt Kaya. İstanbul, İsam Yay, 2020.
4.     Kemal Sözen, “Din-Felsefe İlişkisi Bağlamında Dinin Günümüz Türkiye’sinde Yorumlanması Sorunu”, Günümüz Türkiye’sinde İslâm Konulu Uluslararası Sempozyum Bildirileri İçinde, Kayseri, Süleyman Demirel Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Dergisi Yayınları, 2011.
5.     Mehmet Bayraktar, İslam Felsefesine Giriş, Ankara, Ankara Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Yayınları, 1988.


[1] Gazzâlî, El-Münkizü Mine’d Dalâl, trc. Abdurrezzak Tek, Bursa, Emin Yayınları, 2017, s.9
[2] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, İstanbul, Klasik Yayınları, 2017, s.3
[3] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, s.7
[4] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, s.8
[5] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, s.8
[6] Mahmut Kaya, “Kindi: İslam Dünyasının Felsefeyle Tanışması”, İslam Felsefesi: Tarih ve Problemler içinde, Ed. M. Cüneyt Kaya. İstanbul, İsam Yay, 2020, s.99
[7] Kemal Sözen, “Din-Felsefe İlişkisi Bağlamında Dinin Günümüz Türkiye’sinde Yorumlanması Sorunu”, Günümüz Türkiye’sinde İslâm Konulu Uluslararası Sempozyum Bildirileri İçinde, Kayseri, Süleyman Demirel Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Dergisi Yayınları, 2011, s.3
[8] Kemal Sözen, “Din-Felsefe İlişkisi Bağlamında Dinin Günümüz Türkiye’sinde Yorumlanması Sorunu”, s.3
[9] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, s.8-9
[10] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, s.9-10
[11] Mehmet Bayraktar, İslam Felsefesine Giriş, Ankara, Ankara Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Yayınları, 1988, s.179-180