سەپسەتەنىڭ ماھىيىتى ۋە پەلسەپەنىڭ ھەقىقىتى

سەپسەتەنىڭ ماھىيىتى ۋە پەلسەپەنىڭ ھەقىقىتى

مەھمۇت بىلگە

 

ئىنسانىيەت پىكىر تارىخى يا توغرا ۋە ھەقىقەتنى تېپىش ياكى ھايات ۋە ياشاشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈستىگە پىكىرلەر ئىجاد قىلغان بولۇپ، بەزى مۇتەپەككۇرلارغا نىسبەتەن كائىناتنىڭ ھەقىقىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە تەپەككۇردىن بولغان غايىسى ماھىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ھەقىقەتنى تېپىش بولغان بولسا، يەنە بەزى مۇتەپەككۇرلارغا نىسبەتەن پىكىرنىڭ توغرىنى تېپىش ۋە ھەقىقەتكە يېتىشتىن زىيادە ياشاش ۋە ئىنساننىڭ كۆز ئالدىدىكى تەقدىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبلىك پىكىر ۋە ئىدىيەلىرىنى مەۋجۇتلۇق ئۈستىگە ئەمەس ئىنسان ئۈستىگە قۇرغان ۋە بۇ پىكىرلەر يىغىندىسىغا ئومۇمىي نۇقتىدىن «ئىنسان پەلسەپەسى» ئىسمى قويۇلغان.

 

ئىككىنچى پىكىر ئېقىمى بولغان ۋە قەدىمى يۇناندا «سوفىستىك» نامى بىلەن تونۇلغانلاردىن تەركىب تاپقان سوفىزم ياكى سوفىستىكا ئېقىمى سوقراتتىن بۇرۇن ئىنسان مەركەزلىك پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىر پىكىر ئېقىمىدۇر. بۇ ئېقىمنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزاھلاشتىكى ئۆلچىمى ئىنساننىڭ قارارى ۋە تۇيغۇلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتىدىن سۆز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

 

"ئۇستا، ماھىر" دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «سوفىستىك» سۆزلۈكى يۇنانچە σοφιστής بولۇپ، يۇنانچىدىن ئەرەب ۋە تۈركىي تىللارغا «سوفىستىكا، سوفىزم، سەپسەتە» سۆزلۈكلىرى بىلەن كىرگەن.[1] سوفىستىك سۆزلۈكى گەرچە ئىجابىي مەنىلەرگە ئىگە بولسىمۇ زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ۋە سوفىستىكا ئېقىمىدا كۆرۈلگەن بەزى پىكرى مەسىلىلەر تۈپەيلى يامان نام ئالغان ۋە سۆز ئۇستىلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپلا قالماستىن، قارشى مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىشلىرى بىلەن تونۇلۇپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى ئۆز ئېقىمىنىڭ ئىسىمىگە يېقىن شەكىلدە سەپسەتە نامى بىلەن مەشھۇر بولغان.

 

سوفىستىكا ئېقىمىنىڭ باشلامچىسى پىروتاگوراس يۇنان دۇنياسىدىكى سوفىستلارنىڭ ئەڭ تونۇلغان پېشقەدەملىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەت نىسپىي بولۇپ، كىشىدىن كىشىگە، بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا قارىتا ئۆزگىرەيدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا مەسىلەن ئۇنىڭغا  نىسبەتەن قىش كۈنىدىكى سوغۇقنىڭ بارلىقى ياكى يوقلۇقى كىشىنىڭ توڭۇش-توڭماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر كىشى توڭلىسا سوغۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز قىلالايمىز، ئەگەر توڭلىمىسا سوغۇقنىڭ بارلىقىدىن سۆز قىلالمايمىز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ پۈتكۈل ئۆلچىمىنى ئىنسان ئۈستىگە قۇرغان. بىر مەنىدىن ئېيتقاندا ھەقىقەتنىمۇ ئىنسان ئۈستىگە قۇرغان بولۇپ، ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىنى، يەنى ھەقىقەتنىڭ يەككە ھەقىقىتى بارلىقى پىكرىنى ئىنكار قىلىپ، بار نەرسىنى يوققا چىقىرىش چۈشەنچە مېتودى بىلەن نىگىلىزىم(ئىنكارچىلىق)نىڭ يولىنى ئاچقان.

 

«پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى ئىنساندۇر.» سۆزى پىروتاگوراسنىڭ ئەڭ مەشھۇر سۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ پەلسەپەسى ئاساسلىق بۇ جۈملە ئۈستىگە قۇرۇلغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇ مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەقىقىتىنىڭ ئىنسانغا قارىتا ئۆزگىرىدىغانلىقى پىكىرى بىلەن ھەقىقەتنىڭ نىسپىيلىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەلسەپەۋى نىسپىيلىك(رېلياتىۋىزم)نىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان. پەلسەپەنىڭ تېمىسىنىڭ ئىنسان بولۇشى كېرەكلىكى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،[2] پۈتۈن پەلسەپەۋى مەسىلىلەرنىڭ ئىنسان ئەتراپىدا چۆرگۈلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

پىروتاگوراس ئوتتۇرىغا قويغان نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا پىروتاگوراسقا نىسبەتەن ئۇنىۋېرسال ياكى ئالەمشۇمۇل دىن، ئەخلاق، ئادالەت ۋە قانۇن يوقتۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا پۈتۈن مەۋجۇتلۇق نىسپىيلىك چەمبىرىكى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ ھەقىقىي بىر مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ بىر مەنىدە ھەقىقەتنىڭمۇ نىسپىيلىكىنى ئۇقتۇرماقتا.

 

نىگىلىزم(ئىنكارچىلىق، ھېچلىك) ۋە ئاگنوستسىزم (بىلەلمەسلىك نەزەرىيەسى)غا ئىشارەت قىلغان پىروتاگوراس تەڭرىنىڭ بار-يوقلۇقى، شۇنداقلا نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنىمۇ بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ:«ھاياتىمىز بىر ئاز ئۇزۇن بولغان بولسا بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلىشىمىز مۇمكىن ئىدى، بىراق ھايات ئۆگىنىش ئۈچۈن تولىمۇ قىسقا ۋە شەيئىلەر بىز ئۈچۈن گۇڭگا. بۇ سەۋەپتىن تەڭرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېيەلمىگىنىمىزدەك شەيئىلەر ھەققىدىمۇ ھېچ بىر نەرسە دېيىش ھەققىمىز يوقتۇر.» دەيدۇ.

 

ئېمپېدوكلېسنىڭ ئوقۇغۇچىسى گورگىئاس پروتاگوراستىن بەكرەك گۇمانىي خاراكتېرگە ئىگە كىشى ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى بىر شۈبھىلىك ئەھۋال بولۇپ، پىكىر تارىخىدىكى مۇنۇ مەشھۇر سۆزلەر «ھېچ بىر نەرسە يوقتۇر، بولغان ھالەتتىمۇ بىلىش مۇمكىن بولمايتتى، بىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان بولسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزۈش يەنە مۇمكىن بولمايتتى.» ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىدۇ.[3] ئۇنىڭ بۇ ئۈچ جۈملىسى ئۈچ ئاساسلىق پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 1)مەۋجۇتلۇق پارادوكسى بىر خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر ئىزاھات-ئىزاھاتى يوق بۇ سەۋەبتىن مەۋجۇتلۇقتن سۆز قىلىش مۇمكىن ئەمەس. 2)زېھىننىڭ سىرتقى دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى توغرا شەكىلدە ئاڭقىرالمىغانلىقى سەۋەبلىك مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى يەكۈنلىرىمىزنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ سەۋەبلىك بىلىش مۇمكىن ئەمەس. 3)تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقنى توغرا ۋە مۇكەممەل شەكىلدە ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى سەۋەبلىك ئاڭلىغۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى چۈشەنمەسلىكى ۋە تىلنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن بىلدۈرەلمەسلىك ۋە نەتىجىدە بىلەلمەسلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە چۈشەنچىسىدۇر.[4] بۇ پىكرىگە مىسال كەلتۈرۈپ: رەڭ تەسەۋۋۇرىنى رەڭنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلۈكلەر ۋە ئاڭلاش ئارقىلىق رەڭنى بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ.[5]

 

گورگىئاسقا نىسبەتەن بىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا پەلسەپە ئېپىستېمولوگىيە(بىلىش)نى ئەمەس، ئېسىل ۋە ياخشى ياشاشنى غايە قىلغان بولۇشى كېرەك چۈشەنچىسى بىلەن ئېسىل ياشاشنىڭ بىر ۋاستىسى سۈپىتىدە خىتابەتنى(ناتىقلىق-سۆزمەنلىكنى) كۆرسىتىدۇ. ئەپلاتون ئۇنىڭدىن خىتابەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورۇغىنىدا بۇ ھاياتتىكى ئەڭ ئۈستۈن سەنئەتنىڭ خىتابەت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتابەتنىڭ تېمىسىنىڭ پەقەت سۆزلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقەت-باتىل، توغرا ۋە خاتانىڭ خىتابەت سەنئىتىدە مۇھىم ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، خىتابەتنىڭ ئىنساننى خەلق نەزىرىدە ئۈستۈن ۋە ئۆزخان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەپلاتون ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى "يالغانچىلىقنى ئاقلاش" دەپ تەنقىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە گورگىئاس پەلسەپەنى بىلىم ئىجاد قىلىدىغان ئەمەس، ئىنساننىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان بىر نەرسە دېمەكچى.[6] مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا گورگىئاس، پىروتاگوراسقا ئوخشاش ئىنسان مەركەزلىك پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەلسەپە بىلىم ۋە ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئەمەس ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باردۇر.

 

يۇقىرىدا گورگىئاسنىڭ دېگەنلىرىگە پەلسەپەنىڭ ماھيىتى نۇقتىسىدىن بىر قاراپ باقايلى: ئەمەلىيەتتە پەلسەپەنىڭ بىردىن-بىر غايىسى توغرا ۋە ھەقىقەتنى تېپىش بولۇپ، ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. پەلسەپەنىڭ ھەقىقەتكە يېتىشكە تېرىشىش خاراكتېرى ئۇنىڭ مەنتىقنى ئۆزىگە ئارقا تېرەك قىلىپ ئۇنىڭغا تايىنىش كۈچىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنتىق ئىنسان زېھنىنى خاتاغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغان بىردىن-بىر قورالدۇر . شۇنداقلا، مەنتىق پىكىرنىڭ تارازا-مىزانغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. پىكىرنىڭ دىنى، مىللىتى، جىنسى بولمىغانلىقى تۈپەيلى مەنتىقىگە تايانغاندىلا ھەرخىل قايمۇقۇش ۋە پىكىر ئالدامچىلىقىغا قارشى ئېزىپ كېتىشتىن خالى قالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئىمكانىيىتى مەنتىق ۋە ئەقىلنىڭ سايىسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

 

ئارىستوتېلغا پەلسەپەنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سورالغىنىدا ئۇ قىسقىچە قىلىپ «سەۋەب ۋە مەقسەتلەرنىڭ ئىلىمى.» [7] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، ئەپلاتون بىر ئىزاھاتىدا يېقىن غايىسى نۇقتىسىدىن«پەلسەپە ئۆلۈمگە تەييار بولۇشتۇر.»، يەنە بىر ئىزاھاتىدا ئۇزاق غايىسى نۇقتىسىدىن«پەلسەپە دېمەك ئىنساننىڭ تاقىتى يىتىشىچە تەڭرىگە ئوخشاش بولۇشقا تېرىشىشىدۇر.»[8] دەيدۇ. يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ پەلسەپە ئىزاھاتلىرىدىن قارىغاندا مەۋجۇتلۇقنىڭ سەۋەبىنى ۋە مەقسەت غايىلىرىنى بىلىش، شۇنداقلا ھەقىقەتنى تېپىش ۋە توغرىغا يېتىپ ، ھېكمەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى پەلسەپەنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. يەنە بىر نۇقتىدىن ئىنساننىڭ ناقىس بولغان دۇنيادىن مۇكەممەل بولغان ئۈستۈن ئالەمگە بارغۇچە كىر روھلىرىنى تازىلاش، ۋە ئۆزىنى ئۆلۈمگە، يەنى ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتقا، ئىسلامى ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىشتۇر. يەنە بىر ئىزاھاتتىن ئەلۋەتتە تەڭرىنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ھالدا گۈزەللىك، ياخشىلىق، توغرىلىق، ئادىللىق ۋە بىلىملىك سۈپەتلىرىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈپ مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى تېپىشنى، يەنى توغرىنى ئىزدەشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

 

تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى نامى بىلەن تونۇلغان كىندىي «تۇنجى پەلسەپە ھەققىدە»ناملىق رىسالىسىدە پەلسەپەنى «ئىنساننىڭ تاقىتى يىتىشىچە مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە تېرىشىش.» [9] دەپ ئىزاھلىسا، يەنە بىر ئىزاھاتىدا«پەلسەپە ئىنساننىڭ ئۆزىنى بىلىشىدۇر.»[10] دەپ ئوچۇقلىما بېرىدۇ. كىندىنىڭ بۇ ئىزاھاتلىرىدا ئېپىستېمولوگىيە بىلەن ھەقىقەتنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، پەلسەپەنىڭ غايىسىنىڭ ھەقىقەتنى تېپىپ توغرىنى بىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ شاھى نامى بىلەن تونۇلغان ئىبنى سىنا پەلسەپەگە«ئىنساننىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگەن ھالدا تاكامۇللۇققا ئېرىشىشى»[11] دەپ ئىزاھات بېرىدۇ. «شىپا» ناملىق ئەسىرىنىڭ «ئەل مەدخەل»(كىرىش) قىسىمىدا«پەلسەپە مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەقىقىتىنىڭ بىلىمىگە ئېرىشىشتۇر»[12] دېگەن ھالدا پەلسەپەنىڭ ھەقىقەتنى تاپالايدىغانلىقىغا ۋە سوفىستلارغا(سەپسەتەچىلەر)قارشى بىلىمنىڭ ۋە بىلىشنىڭ ئىمكانىيىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

 

سەپسەتە پەلسەپەگە زىت ھالدا مۇتلەق ھەقىقەت ياكى باشقا بىر ئاتالغۇسى بىلەن مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ۋە ھەقىقەتنى تولۇق ھالدا بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى پىكرى بىلەن نىسپىي ھەقىقەت ياكى يەنە بىر ئاتالغۇسى بىلەن ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنى داۋا قىلىدۇ. بۇلارغا نىسبەتەن ھەقىقەت نىسپىي بولۇپ، بىر رايوندىكى ياخشىلىقنىڭ يەنە بىر رايوندا ياخشىلىقنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقى، ئا شەخسكە نىسبەتەن ئەخلاق بولغان بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر شەخسكە نىسبەتەن ئەخلاق بولالمايدىغانلىقى پىكرى بىلەن ئەخلاق، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق دېگەندەكلەرنىڭ ھەقىقىتى ياكى ماھىيىتىنى ئىنكار قىلىپ ئەخلاق ۋە ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ھەقىقەتتىن ئايرىپ ئۇلارنىڭ مەركىزىگە ئىنساننى يەرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىنساننى مەركەز قىلغان «ئىنسان پەلسەپەسى» قۇرۇپ چىققانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى پەلسەپە سەپسەتە قارشىسىدا شەيئىلەرنىڭ جەۋھىرىنى ئىزاھلاش نۇقتىسىدا ئىنساننى ياكى ئىنسان مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى ياكى مۇتلەق توغرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. باشقا بىر دېيىش بىلەن ئېيتقاندا سەپسەتەنىڭ ھەقىقەت ۋە توغرۇلۇق ئۆلچىمى ئىنسان مەنپەئەتىنى ئاساس ئالسا، پەلسەپەنىڭ بىلىش ۋە توغرۇلۇق ئۆلچىمى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ياكى مۇتلەق ھەقىقەتنى ئاساس ئالىدۇ. پەلسەپەگە نىسبەتەن ئالەمشۇمۇل ئەخلاقتىن سۆز ئاچالىساق، سەپسەتىگە نىسبەتەن ئالەمشۇمۇل ئەخلاقتىن  سۆز ئاچالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى سەپسەتەنىڭ مەۋجۇتلۇقلارنى ئۆلچەشتىكى يەنە بىر مۇھىم قۇرالى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بولۇپ، بۇ نەزەرىيە فىزىكىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق پىرىنسىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا قارىتا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنسان مەنپەئەتى ئۈچۈن رول ئوينايدۇ.

 

ماركس ۋە ئېنگېلىسنىڭ باشلاتقان ئېقىمى دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم چۈشەنچىسى ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى، يەنى مېتافىزىكىنى رەت قىلىدۇ.[13] تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا فىزىكىلىق ئالەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىش ئارقىلىق مېتافىزىكىلىق ئالەمنى يوققا چىقىرىشقا تېرىشىدۇ. يۇنان دۇنياسىدا دېموكرىتۇس بىلەن باشلىغان«روھ ماددىدىن تەركىب تاپىدۇ.»، «مەۋجۇتلۇق ماددىدىن ئىبارەتتۇر.» دېگەن كۆز قاراش، يەنى ماددىزمچى-ماتېرىيالىست پىكىر ئېقىمى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ماركس ۋە ئېنگېلىس باشچىلىقىدىكى ماتېرىيالىست پىكىر ئېقىمى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئالەمشۇمۇل ھەقىقەت، ئالەمشۇمۇل ئەخلاق، ئالەمشۇمۇل ئادالەتنىڭ مۇقىم بىر ھەقىقىتى بارلىقى پىكرىنى ئىنكار قىلىپ، ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ ئىنسانىيەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئىنسانىيەت ھەقىقەتكە ئەگىشىدۇ، ھەقىقەت ئىنسانىيەتكە ئەمەس. چۈنكى ھەقىقەت پۈتۈن مەۋجۇتلۇقلاردىن ئۈستۈن بولۇپ، ئەقىل نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا كائىناتنىڭ بىردىن بىر غايىسى ھەقىقەتنى تېپىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن سائادەتكە ئېرىشىشتۇر.

 

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر مەسىلىگە ئەقىل ۋە مەنتىق سايىسىدا نەزەر سالىدىغان بولساق توغرىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ماھىيىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. توغرىنىڭ ياكى ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىدىن ئايرىۋېتىش ۋە توغرىغا ياكى ھەقىقەتكە نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى تېڭىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزلۈكىنى ئىنكار قىلىش، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى تەبىئەتسىز ھالەتكە كەلتۈرۈش بىر نۇقتىدىن تەبىئەتنى ئىنكار قىلىش بىلەن باراۋەردۇر. بۇ خۇددى بىر ئەر كىشىنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ ھەقىقىتىنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە سېلىپ تۇرۇپ قىزلىق تەرىىپىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ياكى ھەقىقىي جەھەتتىن ئەركەكلىكىدىن سۆز قىلىشمىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغانغا ئوخشايدۇ. يۇنان سوفىستلىرىدىن گورگىئاس «مەۋجۇتلۇق يوقتۇر. بار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى بىلەلمەيمىز، ياكى بىلەلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى چۈشەندۈرەلمەيمىز.» يەكۈنلۈك جۈملىلىرى بىلەن بىر مەنىدىن مەۋجۇتلۇقنىڭ بارلىقىغىمۇ شەك-شۈبھى بىلەن قارىغان ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئونتولوگىيەگىچە سۆرەپ ئەكىرىپ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىنكارىغىچە كىرگەن. نەخ بۇ مەسىلىدىن كېيىن تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسى ئەگىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار تەڭرىنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەققىدىمۇ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئىشلەتكەن ئاساستا بارلىققا يوقلۇق، بىرلىككە كۆپلۈكنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى مەسىلىسىنى سۆرەپ ئېلىپ چىققان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلارغا نىسبەتەن نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئىنسان مەركەزچىلىكتە ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پەلسەپەسىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. نىسپىيلىك نەزەرىيەسى فىزىكىدىكى بىر ئاساس بولۇپ، ماددا ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ ياكى نىسپىيلىكىنىڭ قىممىتى فىزىكىلىق مەۋجۇداتلاردا بولىدۇ. مېتافىزىكىلىق مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ئاساسى ماددىدىن تەركىب تاپمىغانلىقى ئۈچۈن مۇقىملىق ئاساس بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمەيدۇ، ھەقىقەتلىرى ئەينەن ھالدا مەڭگۈ داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن «ئەئيان سابىتە»(ئۆزگەرمەس ھەقىقەتلەر\ھەقىقەتلىرى) خاراكتېرى بويۇنچە مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلىرى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا فىزىكىلىق ئاساسنى مېتافىزىكىغا، مېتافىزىكىلىق ئاساسنى فىزىكىغا تېڭىش ھەم مەنتىق ۋە ئەقىل، ھەمدە رېئاللىق ۋە ھەقىقەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى مېتافىزىكىغا، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلارغا تېڭىشنىڭ ئىسمى سەپسەتىدۇر . ئۇنى پەلسەپە نامىدا بازارغا سېلىش سەپسەتىچىلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشلا بولماستىن، ھەقىقەتكە قارشى باتىلنى، توغرىغا قارشى خاتانى قوللىغانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ   

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.    İbrahim Emiroğlu, “Sûfestâiyye”, DİA, C. XXXVII, İstanbul, TDV, 2009.

2.    Celal Türer, Felsefe Tarihi, Ankara, Bilay Yayınları, 2019.

3.    Hüseyin Aydın, Nihilizm’ın Tarihçesi, UÜİF Dergisi, Sayı:1 Cilt: 1, 1986.

4.    Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, İstanbul, Klasik yay. 2017.

5.    Mehmet Bayrakdar, İslam Felsefesine Giriş, Ankara, AÜİF Yay. 1988.

6.    Ömer Mahir Alper, İbn Sina, İstanbul, İSAM Yay. 2020.

7.    م. روزۋېنتال، پ. يۇدىن، قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى، مىللەتلەر نەشرىياتى.



[1] İbrahim Emiroğlu, “Sûfestâiyye”, DİA, C. XXXVII, İstanbul, TDV, 2009, s.37
[2] Celal Türer, Felsefe Tarihi, Ankara, Bilay Yayınları, 2019, s.122
[3] Celal Türer, Felsefe Tarihi, s.123
[4] Celal Türer, Felsefe Tarihi, s.123
[5] Hüseyin Aydın, Nihilizm’ın Tarihçesi, UÜİF Dergisi, Sayı:1 Cilt: 1, 1986, s. 4
[6] Celal Türer, Felsefe Tarihi, s.123
[7] Celal Türer, Felsefe Tarihi, s.25
[8] Mehmet Bayrakdar, İslam Felsefesine Giriş, Ankara, AÜİF Yay. 1988, s.25
[9] Mahmut Kaya, İslam Filozoflarından Felsefe Metinleri, İstanbul, Klasik yay. 2017, s.7
[10] Mehmet Bayrakdar, İslam Felsefesine Giriş, s.26
[11] Ömer Mahir Alper, İbn Sina, İstanbul, İSAM Yay. 2020, s. 53
[12] Ömer Mahir Alper, İbn Sina, s. 53
[13] م. روزۋېنتال، پ. يۇدىن، قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1434-بەت.