ماھىيەتنىڭ ماھىيىتى ۋە بارلىقنىڭ پەلسەپەۋى ئىزاھاتى

ماھىيەتنىڭ ماھىيىتى ۋە بارلىقنىڭ پەلسەپەۋى ئىزاھاتى

مەھمۇت بىلگە

 

بارلىق ۋە ماھىيەت مۇناسىۋېتى

يۇنان دۇنياسىدىن ئىسلام دۇنياسىغىچە قەدىمكى دەۋرلەردە پەلسەپە ماھىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈر سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بارلىق ۋە ماھىيەت پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىزاھاتى ياكى سۈرۈشتە قىلىنىشى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىپ كەلگەن. بارلىق ھەققىدىلا ئەمەس ئەلۋەتتە يوقلۇق ھەققىدىمۇ ئىزاھاتلار ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپە، بارلىق ۋە يوقلۇق ئۇقۇمىغا ماھىيەت ئىگە قىلىپ مەنىلىك بولۇشىغا ۋەسىلە بولغان ئۇنىۋېرسال بىر تۈر دېيىشكە بولىدۇ.

ئىنسان بار بولغاندىن بېرى مەۋجۇتلۇق ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان بولۇپ، «ئىنسان دېگەن نېمە؟»، «نېمە ئۈچۈن بار؟»، «ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقلار ئىچىدىكى ئورنى ۋە تەڭرى بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋېتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى»[1] دېگەندەك سوئاللار ئىنسانلىق تارىخىنىڭ بارلىق ۋە ماھىيەت ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم سوئالى سۈپىتىدە جانلىقلىقىنى ساقلاپ كېلىپ، دىن ۋە پەلسەپەنىڭ جاۋاب بېرىشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر سوئالغا ياكى ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان ھاياتى بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

ئىنسانلار ئىنسان ۋە ئۇ ياشاۋاتقان ئالەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بارلىقنى چۈشىنىشكە كىرىشكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دانىشمەن ۋە پەيلاسوپلاردىن ئىبارەت ھەر دەۋرنىڭ بىلىملىك كىشىلىرى بارلىق ھەققىدە ھەرخىل سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «بارلىق دېگەن نېمە؟»، «بارلىق بارمۇ؟» «يوقلۇق نېمە؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان ھالدا ئۆز-ئارا تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىغان.

بارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ماھىيەت تەتقىقاتىغا كىرىشكەن پەيلاسوپلار ماھىيەتنىڭ بارلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئىزاھلاشقا تىرىشقان. ئۇلارغا نىسبەتەن تەڭرى سىرتىدا پۈتۈن بارلىقلارنىڭ ماھىيىتى بار بولۇپ (تەڭرىنىڭ ھەقىقىتىنى ماھىيىتى دېگەنلەرمۇ مەۋجۇتتۇر.)، بارلىققا ماھىيەت ئۇلاشقان ۋاقىتتا مەۋجۇت دېگەن بىر نەرسە مەيدانغا كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ماھىيەت بارلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ماھىيەت يوقالغاندا بارلىقمۇ ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ماھىيەت بارلىقنىڭ بىر ئېنىقلىمىسى ۋە باشقا مەۋجۇتلۇقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بارلىقنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆزگىچە بىر ئايرىمىدۇر. بۇ ئېنىقلىمىغا قارىغاندا ماھىيەت خۇددى بارلىقتىن مۇھىمدەك كۆرۈنىدۇ، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن ماھىيەت ئالدىنقى شەرتتەك كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا ماھىيەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى ئۈچۈن بارلىق ئۇقۇمى ياكى سۈپىتىنىڭ ماھىيەتكە قوشۇلماستىن بىر مەۋجۇتلۇقتىن سۆز قىلالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئۇنداقتا ھەم بارلىق ھەمدە ماھىيەت بىر-بىرىگە كېرەكلىك بولغان ئايرىلالماس ۋە تولۇقلىغۇچى ئۇقۇملاردۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ماھىيەت بارلىقنى مەنىگە ئىگە قىلىدىغان ۋە بارلىقنىڭ قىممىتىنى ماھىيىتىگە قارىتا قىممەتكە ئىكەن قىلىدىغان بىر ئۇقۇمدۇر. بارلىقنىڭ مۇھىملىقى ۋە ماھىيەتتىن بۇرۇنلىقى مەسىلىسىنى ئالدىغا چىقىرىپ تۇرۇپ بارلىقنى ئەسلىيلىك دەپ قارايدىغانلار بولغىنىدەك، ماھىيەتنىڭ بارلىقتىن مۇھىملىقى ۋە ماھىيەتسىز بارلىقنىڭ مەنىسىز قالغان ھالدا مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە تۇرالماسلىقى بىلەن ماھىيەتنى ئالدىغا چىقىرىدىغانلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇقۇملارنىڭ بىر-بىرىدىن مۇھىملىقى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا مۇھىملىق تالاش-تارتىشىدىن زىيادە بىر-بىرىگە كېرەكلىك ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكى نەتىجىسىگە بېرىپ يېتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا بارلىق ماھىيىتى بىلەن بىرلىكتە مەنىلىك ۋە ئۈنۈملۈكتۇر.

 

بارلىق پەلسەپەسى

«بارلىق دېگەن نېمە؟» سوئال ئەپچۆرىسىدە بارلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە نېمە ئىكەنلىكى پەلسەپە ۋە پىكىر تارىخىنىڭ ئاساسىي سوئاللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. خۇددى بۇ بىر ئورماننى تەسەۋۋۇر قىلغاندىن كېيىن، ئورماننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغانغا[2] ۋە ماھىيىتىنى ئايرىپ چىققانغا ئوخشايدۇ. بارلىق پەلسەپەسى پەلسەپەدە ئونتولوگىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئونتولوگىيە ئىلمى پەلسەپەنىڭ ساھەسى بولغىنىدەك ھەم مېتافىزىكىنىڭ ئاساسى ئۇلى ۋە نېگىزىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، چۈنكى مېتافىزىكىنىڭ غايىسى بارلىقنى بارلىق بولۇش نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بولۇپ، بارلىقنىڭ ماھىيىتىنى ئىزاھلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

بارلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە پەيلاسوپلار پەرقلىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن بارلىق ئۇقۇمى ئىزاھلىغىلى بولمايدىغان بىر ئۇقۇمدۇر.[3] چۈنكى بارلىق ئۇقۇمىنىڭ روشەنلىك دەرىجىسى ئۇقۇم ۋە ئىزاھاتنىڭ روشەنلىك دەرىجىسىدىن تېخىمۇ ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيلاسوپلار بارلىقنىڭ تەبىرى ھەققىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە بارلىق ئۇقۇمىنىڭ تەبىرىنىڭ يوقلۇقى پىكرى بىلەن تەبىركە ئېھتىياجى بولمىغان ۋە ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بىر ھەقىقەت ئىكەنلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما بەزى پەيلاسوپلار بۇنىڭ ئەكسىچە بارلىقنىڭ تەبىرىنىڭ مۇمكىنلىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بارلىقنىڭ ئۆزلۈكىدىن بىلىنىدىغان ئەمەس ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىنىدىغانلىقى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىيجى ۋە جۇرجانىغا ئوخشاش بەزى كالامچىلار بارلىقنى بىلىش ئۈچۈن يوقلۇق ئۇقۇمىنىمۇ بىلىشكە ئىھتىياجىمىز بار دەپ قارايدۇ.[4] چۈنكى بىر نەرسىنىڭ نېمە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنىمىزدا نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

ئونتولوگىيە ياكى بارلىق تەلىماتى پەلسەپەنىڭ ئانا ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىلىدۇ، چۈنكى پەلسەپە بارلىقنى مەنىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن تارىختىن بۈگۈنگىچە قىممىتىنى يوقاتماي كەلدى. شۇنداقلا بارلىق تەلىماتى ھەم فىزىكا ھەمدە مېتافىزىكىنى مەنىگە ئىگە قىلىشنى غايە قىلىدىغان بىردىن بىر پەلسەپە تۈرىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا پەلسەپە ۋە بارلىق تەلىماتىنىڭ غايىسىنى تامامەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردە پەلسەپە، مېتافىزىكا، ئونتولوگىيە، ئىلاھىيەت... دېگەندەك ئۇقۇملار ئاساسەن ئوخشاش مەنىدە چۈشىنىلىپ كەلگەن. شۇنداقلا ئارىستوتېل بارلىق بولۇش نۇقتىسىدىن بارلىقنى تەقىق قىلىش پائالىيىتىگە «مېتافىزىكا» دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئىسلام پەيلاسوپلىرىمۇ مېتافىزىكىنى «بارلىق بولغانلىقى نۇقتىسىدىن بارلىقنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم» دەپ تەرىپلىگەن. كىلاسسىك پەلسەپە ۋە مېتافىزىكا بارلىق ۋە كائىنات ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، پۈتۈن بار بولغانلار ھەققىدە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېرىشقان ۋە پەلسەپە پۈتۈن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە جۇغلىغان بىر ئىلىملەر توپلىمى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئارىستوتېل مېتافىزىكىغا تۇنجى پەلسەپە ئىسمىنى قويغان بولۇپ، بىر نۇقتىدا بۇ ئىلاھىيەت (تېئولوگىيە) ئىلىمىنىمۇ ئۇقتۇرىدۇ. چۈنكى تۇنجى پەلسەپە تۇنجى بارلىق بولغان تەڭرىنىڭ بىلىمى بولۇپ، تەڭرىدىن تەڭرى سىرتىدىكى بارلىقلارنىڭ بىلىمىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مېتافىزىكا(ئىلاھىيەت)، ئونتولوگىيە قاتارلىق تۈرلەر بارلىققا مەنا ئىگە قىلىدىغان، مەۋجۇتلۇقنى مەنىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ۋە ھاياتلىقنى مەنتىق ۋە ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇشىمىزغا ياردەمچى بولىدىغان قىممەتلىك تۈرلەردۇر.

پەلسەپەنىڭ ئاساسى بولغان مېتافىزىكا ياكى ئونتولوگىيەنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى «بارلىق بارمۇ؟»، «بارلىقنىڭ ماھىيىتى نېمە»، «ھەقىقىي جەھەتتىن بار بولغان نەرسە نېمە»، «بارلىق ئۆزگىرىشچان نەرسىمۇ ياكى ئۆزگەرمەس نەرسىمۇ؟»، «بارلىقنىڭ ئاساسى ماددىسى ۋە مەنبەسى نېمە؟»، «بارلىق بىرمۇ ياكى كۆپمۇ؟»، «ئالەم ئەزەلىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟»، «ئالەمدە ئىنتىزام مەۋجۇتمۇ ياكى بىر نۇقسان بارمۇ؟»، «ئەركىنلىك مەۋجۇتمۇ؟»،«ئەركىنلىكنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى نېمە؟» «ھەقىقەت دېگەن نېمە؟ ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرى نېمە؟ ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەت نېمە؟» دېگەندەك سوئاللار ئۈستىدە بولۇپ، بارلىق پەلسەپەسى يەنە بارلىققا ئائىت بىرلىك، كۆپلۈك، مۇقىم، ئۆزگىرىشچان، كۆرۈنۈش، رېئاللىق، ھەقىقەت، زامان ۋە ماكان ئۇقۇملىرىغا ئوخشاش بارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك فىزىكا ۋە مېتافىزىكىغا دائىر پۈتۈن مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەشكە تېرىشىدۇ.[5]

بارلىق ئۇقۇمى يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگىنىدەك تەرىپلىنىشى قېيىن بىر ئۇقۇم بولسىمۇ پەيلاسوپلار ۋە كالامچىلار بارلىقنى ئىزاھلاشقا تېرىشىپ، ئومۇمى جەھەتتىن بارلىقنى «زىھنىي بارلىق»(زېھىندىكى مەۋجۇتلۇق) ۋە «خارىجىي بارلىق»(زېھىن سىرتىدىكى مەۋجۇتلۇق) شەكلىدە ئىككى خىل بارلىققا تەقسىم قىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئايرىم بارلىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئىنسان دېگىنىمىزدە ئىنساننىڭ بەدەنلەشكەن قىسىمى سىرتقى بارلىق دەپ ئاتالسا، ئىنساننىڭ ئەقىللىق بارلىقتىن ئىبارەت پەقەت زېھنىمىزدە جانلانغان قىسمىغا زېھنى بارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبنى سىنا «ئەش شىفا» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ئىككى بارلىق ئايرىمىغا ئۈچىنچى بىر بارلىق تۈرىنى قوشقان بولۇپ، ئۇنى «مۇتلەق بارلىق»(ئومۇمىي مەۋجۇتلۇق) ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ. بۇ بارلىق نە زېھىندا نە سىرتتا تېپىلىدىغان مەلۇم بىر بارلىق بولماستىن پۈتۈن بارلىقلارنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل كائىناتنىڭ بارلىقى شەكلىدە ئىزاھلىنىش بىلەن بىرلىكتە بىۋاسىتە بارلىق ئۇقۇمىنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.[6]

 

 

ماھىيەتنىڭ ماھىيىتى ۋە بارلىق بىلەن بىرلىكى

«ماھىيەت» سۆزلۈكى ئەرەبچە بىر سۆزلۈك بولۇپ، «ما» ۋە «ھىيە» ياكى «ھۇۋە» ھەرپلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «ما» ھەرپى نېمە مەنىسىدە ۋە «ھىيە»، «ھۇۋە» ھەرىپلىرى ئۈچىنچى شەخىس ھالىتىدە «ئۇ، ئۇ نەرسە» مەنىسىنى ئۇقتۇرىدىغان بولۇپ، ئىككى ھەرپ بىرلەشكىنىدە «ئۇ نېمە، ئۇ ئۇشبۇ نەرسە» دېگەندەك مەنىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ. ماھىيەتنىڭ پەلسەپەدىكى ئىزاھاتى تىلدىكى مەنىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بارلىقلارنىڭ ماھىيىتى بارلىقلارغا ئۆزلۈك ياكى خاسلىق ئىگە قىلىدىغان بىر تۈردۇر. فارابى «فۇسۇسۇل ھىكەم» ناملىق ئەسىرىدە بارلىق ۋە ماھىيەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر شەيئىنىڭ ھەم بىر بارلىقى ھەمدە بىر ماھىيىتى بارلىقىنى ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ ماھىيەت ۋە بارلىقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.[7]

ئىبنى سىنا ۋە ئىبنى سىنا پەلسەپەسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆز قارىشىچە بارلىق ماھىيەتكە قوشۇلغان ۋە ماھىيەتتىن ئايرىم ياكى ئوشۇق بىر نەرسە بولۇپ، ماھىيەت خۇددى بارلىقنىڭ ئۆزى ۋە ھەقىقىتىنى ئۇقتۇرىدۇ. مەسىلەن: ئاقلىق ياكى تاشلىق دېگىنىمىزدە تاشنىڭ ياكى ئاق رەڭگىنىڭ ماھىيىتى ئاقلىق ۋە تاشنىڭ ماھىيىتى، ھەقىقىتى تاشلىقتىن ئىبارەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا تاشنى( ماددا بولغان بارلىقنى) تاش قىلغان«مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن» ئۇنىڭ تاشلىق(سۈرەت ۋە ئۆزلۈك) ماھىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاقنى ئاق قىلغانمۇ ئاقنىڭ ئاقلىقىدۇر. ئىبنى سىنا پەلسەپەسىدە بارلىق ماھىيەتكە قوشۇلغان بىر ئاراز (قوشۇلما) بولۇپ، بارلىق ماھىيەتنىڭ ئۈستىگە قونىدۇ ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مەۋجۇتلۇق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئىبنى سىنا پەلسەپەسىدە ماھىيەت خۇددى بارلىقتىن ئۈستۈندەك ۋە بارلىق خۇددى ماھىيەتنىڭ بىر سۈپىتىدەك ۋە ياكى جەۋھەرنىڭ قارشى ئۇقۇمى بولغان ئارازدەك كۆرۈنىدۇ. ئىبنى رۈشد، ئىبنى سىنانىڭ بارلىقنى ئاراز(سۈپەت، قوشۇلما) سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويدى دەپ خاتا چۈشەنگەنلىكى سەۋەپلىك ئىبنى سىنانى ئېغىر تەنقىت قىلغان بولسىمۇ، غەرىپ پەلسەپەسىگە توماس ئاكۋىناس ئارقىلىق ئىبنى سىنانىڭ بارلىقنى ئاراز كۆرگەنلىك پىكرى تارقىلىدۇ[8] ۋە بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ ئىبنى سىنا خاتا چۈشىنىلىپ كەلگەچكە بارلىقنىڭ ئەسلىلىكى پىكرىنى قوللايدىغانلاردىن سادرا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ماھىىيەتنىڭ ئاراز ۋە بارلىقنىڭ جەۋھەر ئىكەنلىكى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئىبنى سىنا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۈچلۈك ئېتىرازلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھالبۇكى ئىبنى سىنانىڭ بارلىقنى ئاراز دېيىشتىن مەقسىتى بارلىقنىڭ "مەيدانغا كېلىشى" ۋە ماھىيەتكە قوشۇلۇپ "ئوتتۇرىغا چىقىشى" دېگەندەك مەنىلەر ئىدى.[9] مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىبنى سىنا چۈشەنچىسىدە نە ماھىيەت نە بارلىق يالغۇز ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى مەۋجۇتلۇق بارلىق ۋە ماھىيەتنىڭ جەم بولۇشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

خۇلاسە: ماھىيەت پەلسەپەۋى بىر  تۈر سۈپىتىدە كائىنات ۋە بارلىق تەتقىقاتىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى پەلسەپە بارلىق ۋە كائىنات ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ ۋە تۇنجى بولۇپ كائىنات ۋە بارلىق ھەققىدە سوئال قويىدۇ ياكى سۈرۈشتىسىنى قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بارلىق ۋە ماھىيەت مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى مەنا ۋە ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا فىزىكا بىلەن مېتافىزىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلايدۇ. مېتافىزىكا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماستىن فىزىكىلىق بايان كەمچىل ۋە نۇقسان قالىدۇ. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ، بارلىقنىڭ فىزىكىلىق قىسمىغا كۆڭۈل بۈلۈش ۋە ھەقىقىي -مەنىۋى قىسمى بولغان مېتافىزىكىلىق قىسمىغا كۆڭۈل بۈلمەسلىك ھايات ۋە مەۋجۇتلۇقنى مەناسىزلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەۋجۇتلۇقلارغا قارشى مەنا بۇزۇقلۇقى، ئەخلاق كەمچىللىكى، خاتا گۈزەللىك قاراشلىرى، ھەقىقەت ۋە ناھەق ئارىلىشىپ كېتىشىگە ئوخشاش شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى ، جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇرسىز بولىشىغا ئوخشاش سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر بۇ ھەقتە شېئىر خاراكتېرلىك بىر جۈملە قۇرار بولساق ئەڭ مەنىلىك جۈملە «بارلىقىنىڭ ماھىيىتى، بارلىقتىنمۇ مۇھىمدۇر.» جۈملىسى بولۇشى مۇمكىن.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ   

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.   Ömer Mahir Alper, Varlık ve İnsan, İstanbul, Klasik yayınları, 2021.

2.   Celal Türer, Felsefe Tarihi, Ankara, Bilay Yayınları, 2019.

3.   Ömer Türker, Varlık Nedir, İstanbul, Ketebe Yayınları, 2021.

4.   Mustakim Arıcı, Fahreddin Râzî Sonrası Metafizik Düşünce, İstanbul, Klasik Yayınları, 2015.

5.   Hasan Hüseyin Bircan, İbn Sina’da Tanrı-evren ilişkisi, İstanbul, Çizgi yayınları, 2020.



[1] Ömer Mahir Alper, Varlık ve İnsan, İstanbul, Klasik yayınları, 2021, s. 13.
[2]Celal Türer, Felsefe Tarihi, Ankara, Bilay Yayınları, 2019, s.36.
[3] Ömer Türker, Varlık Nedir, İstanbul, Ketebe Yayınları, 2021, s. 35.
[4] Ömer Türker, Varlık Nedir, s. 35,36.
[5] Celal Türer, Felsefe Tarihi, s.37.
[6] Mustakim Arıcı, Fahreddin Râzî Sonrası Metafizik Düşünce, İstanbul, Klasik Yayınları, 2015, s. 166,167.
[7] Hasan Hüseyin Bircan, İbn Sina’da Tanrı-evren ilişkisi, İstanbul, Çizgi yayınları, 2020, s. 54,55.
[8] Hasan Hüseyin Bircan, İbn Sina’da Tanrı-evren ilişkisi, s. 57, 62,
[9] Hasan Hüseyin Bircan, İbn Sina’da Tanrı-evren ilişkisi, s. 69