فارابى پەلسەپەسىدە جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە مۇناسىۋىتى

فارابى پەلسەپەسىدە جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە مۇناسىۋىتى

مەھمۇت روزى

 

جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە

پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئەسلىدە قەدىمكى دەۋردە پەرقلىق ۋە ئايرىم ئىلىملەر بولماستىن، بىر-بىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەر بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپەنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىدى. پەلسەپە سۆزلەنگىنىدە ياكى پەلسەپىدە مەلۇم ھۆكۈمگە بېرىلغىنىدا بۇ ھۆكۈم ئەلۋەتتە ئۇزاقتىن ۋە ياكى يېقىندىن ئىنسانىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بولغانلىقى تۈپەيلى، قارار قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى قەتئىي شەكىلدە مۇنازىرە قىلىناتتى. پەلسەپەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېمىسى مەۋجۇتلۇق بولسىمۇ ئىنسان مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر پەلسەپەنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالاتتى. بۇ سەۋەبتىن جەمئىيەت بولماستىن پەلسەپە، پەلسەپە بولماستىن غايىۋى جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تەبىئىي ھالەتتە سۆز قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھازىرقى زامان ئىلىملەر تەسنىپىدە پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمى ئايرىم ۋە پەرقلىق ئىلىم سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ تەرەققىي قىلغان تەقدىردىمۇ، بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن ۋە ياكى بۇندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا ئوخشاش ئېھتىماللىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

 

ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام دۇنياسىدىكى جەمئىيەتشۇناسلىق تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئەقلىمىزگە كېلىدىغىنى ئىبنى خەلدۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇمران (جەمئىيەتلىشىش) ئىلىمىدۇر .  ئومۇمەن ئىبنى خەلدۇننى مەركەز قىلغان ئاساستا جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز نورمال بولسىمۇ ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقىنىمىزدا خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسى نۇقتىسىدىن جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تارىخىنى فارابى، ماۋەردى، نىزامۇل مۈلك ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبقا قەدەر مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارغىچە كۆتۈرۈپ ئېلىپ بارالايمىز. ئەلۋەتتە جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ سىستېمىلىق بىر ئىلىم ھالىتىدە شەكىللىنىشكە ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشقان كىشى ئىبنى خەلدۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇمران نەزەرىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىقنى باش تېما قىلغان ئىنسان، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، يۇرت ۋە ئىقتىسادقا دائىر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ مەشھۇر جەمئىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇسىدۇر.

جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تارىخى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام دۇنياسى نوقتىسىدىن قارىغاندا فارابى ۋە باشقا مۇسۇلمان پەيلاسوپلارغىچە تۇتاشسىمۇ، يۇنان دۇنياسى نوقتىسىدىن ھېراقلىتوس ۋە سوقراتقىچە سوزۇپ بارغىلى بولىدۇ.  بۇ قىسقا ماقالىدە فارابىنىڭ پىكىرلىرى ئاساسىدا پەلسەپەنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاشقا تېرىشىش بىلەن بىرگە، فارابىنىڭ پەلسەپە بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بىر پەيلاسوپ بولۇشى يېنىدا جەمئىيەتشۇناسلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر ساھەسىدە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىسلام جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تارىخىنى فارابىغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندە قىسقىچە ئىزاھلاشقا تىرىشىمىز.

 

 جەمئىيەتشۇناسلىق، دىن ۋە پەلسەپە ئوتتۇرىسىدا

فارابى كۆپىنچىمىزنىڭ بىلگىنىدەك سىياسەت پەلسەپەسىدە ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپلاردىن بىرى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەھەر ۋە خەلق ھەققىدە نەچچىلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە دىن، جەمئىيەت، شەھەر ۋە ئەخلاق ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئىنسانىيەت ۋە پىكىر تارىخىغا مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» ناملىق كىتابىدا غايىۋى دۆلەت ۋە غايىۋى خەلق ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى سۇنغان بولۇپ، كىتابىنىڭ باش تەرىپىدىن يېرىمى پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۇنجى مەۋجۇتلۇقنى (تەڭرىنى) ئۇزۇنغىچە شەرھلىگەندىن كېيىن ئومۇمەن مېتافىزىكا ساھەسىدە قەلەم ئوينىتىپ، ئاخىرقى يېرىم قىسمىدا جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنى سۇنۇش ئارقىلىق، كىتابىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىنى سىياسەت ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، غايىۋى دۆلەت ۋە ئادالەتلىك رەئىسنىڭ ئىزاھاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەلسەپە بىلەن جەمئىيەت ۋە قانۇن مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تېرىشىدۇ.

 

ئارىستوتېلنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە مۆتىۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان فارابى، پەلسەپەنىڭ كۆپىنچە مەسىلىلىرىدە ئۇنىڭ ئىزىنى سۈرۈپ ماڭغان بولۇپ، يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ ئۇنىڭ ئىزىنى سۈرۈشكە داۋاملاشتۇرغان. ئارىستوتېل پىكىرلىرىنى تىرىلدۈرۈشكە تىرىشقان فارابى، ئىنساننىڭ جەمئىيەتسىز مۇكەممەللىكنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەپ، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئارىستوتېلغا نىسبەتەنمۇ ئىنسان ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ جەمئىيەتسىز داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك پارچىسىنىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

 

فارابى سىياسەت پەلسەپەسىدە نوقۇل ئارىستوتېل پىكىرلىرىدىنلا تەسىرلەنگەن بولماستىن ئەپلاتوندىنمۇ ئالاھىدە تەسىرلەنگەن. ئەپلاتونغا نىسبەتەن جەمئىيەتتە ئىش تەقسىماتى ئالاھىدە كېرەكلىك بولۇپ، ئىجتىمائى ھەمكارلىق دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەڭپۇڭلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ ئالدىنقى شەرتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىلىدۇ. بۇ پىكىرگە قارايدىغان بولساق يەنىلا ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكى ئالدىغا چىقىرىلغان بولۇپ، فارابىنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى، ئۆزىنى ئىسپاتلىيالىىشى ۋە مەخپىي تالانتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلالىشى، جۈملىدىن ئىش تەقسىماتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جەمئىيەتلىشىش ۋە جامائەتلىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ تۈر جەمئىيەت ئۇنىڭغا نىسبەتەن غايىۋى جەمئىيەت ۋە غايىۋى شەھەر خەلقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ شەھەر خەلقى ياردەم سۆيەر خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزئارا بىر-بىرىگە تايانچ كۈچ تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈچلۈك بىر جەمئىيەت ۋە كۈچلۈك بىر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ساپالىق، سەۋىيەلىك ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا ئوخشاش كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان ئىجابىي نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا فارابىغا نىسبەتەن پەزىلەتلىك شەھەرنىڭ پەزىلەتلىك دىنى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ پەزىلەتلىك دىن خەلق ۋە دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىجابىي شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە ۋەسىلە بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە پەزىلەتسىز دىن، پەزىلەتسىز بىر شەھەر ئاھالىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ؛ نەتىجىدە شەھەر ۋە دۆلەتنىڭ سائادىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. سائادەت ۋە خۇشاللىقنى پەلسەپەسىنىڭ ئاساسلىق مەركىزىگە يەرلەشتۈرگەن فارابى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ سائادىتىنى بىلىمگە، ھەقىقەتكە ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدىغان پەزىلەتلىك دىنغا باغلايدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقىي سائادەتكە ئېرىشكۈچىلەر پەزىلەتلىك دىننىڭ شەھەر ئاھالىسى بولۇپ، ۋاقىتلىق سائادەتكە ئالدىنىپ ساختا خۇشاللىقنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېتىدىغانلار پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسى ۋە پەزىلەتسىز دىننىڭ پىرىنسىپلىرىنى يول تۇتۇپ ماڭغان كىشىلەردۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا فارابىغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ سائادىتى ئومۇمەن دىن، خۇسۇسەن ئىلىمگە باغلانماقتا.

 

پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسىنى سۈپەتلىگەن فارابى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك توپلاش، مال-دۇنيا تېپىش، شەھۋەت قاندۇرۇش، ھۆرمەت كۆرۈش ۋە ئابرۇي قازىنىش ئارزۇسى ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سائادىتى مەزكۇر ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا باغلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاراكەندىچىلىك ۋە ئارامىنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ مەزكۇر ئارزۇنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكىگە باغلىقتۇر؛ مەزكۇر ئارزۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ۋە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا ھەقىقىي سائادەتنىڭ ئىزىنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

 

فارابىغا نىسبەتەن يۇقىرىدا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمىزدەك سائادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، «ئەس سائادەتۇل ھەقىقىييە» (ھەقىقىي سائادەت) ۋە «ئەسسەئادەتۇل مەزنۇنە» (گۇمانلىق-ساختا سائادەت) شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ھەقىقىي سائادەت دېگىنىمىزدە ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى دائىمىي ياكى دائىملىق بولغانلىقى نۇقتىسىدىن سائادەتمۇ دائىملىق بولىدۇ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن توختاپ قالمايدۇ ياكى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. ھەقىقەتنىڭ، ھەقىقەت بولۇشى ئۇنىڭ راستلىق تەبىئىتىدىن بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق داۋاملىق بارلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ياكى ساقلاپ قالالايدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر. بىر شەيئىنىڭ ھازىر بار بولۇپ، بىرئازدىن كېيىن يوق بولۇش ئەھۋالى ئۇ شەيئىنىڭ ھەقىقىي جەھەتتىن مەۋجۇتلۇقى ياكى بارلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ چۈنكى بىرئاز بۇرۇن بار بولۇپ، بىرئازدىن كېيىن يوق بولغاننى نە تامامەن بار، نە تامامەن يوق دېگىلى بولمايدۇ؛ بۇ سەۋەبتىن ئۇ نەرسىنىڭ ھەقىقىي بارلىقىدىنمۇ سۆز قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىرئازدىن كېيىن، بىرئاز بۇرۇنقى ھەقىقەتنى يالغانلايدۇ. ۋە بۇ يالغانلىشىش نەتىجىسىدە (ساختا ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ياكى ھەقىقەتنىڭ ساختا بولماسلىقى پىرىنسىپى بويۇنچە) تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا يوقلۇق ۋە مەغلۇبىيەت بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل ئىككىنچى تۈر سائادەت بولغان ساختا سائادەتنى كۆرسىتىدۇ. فارابىغا نىسبەتەن ھەقىقىي سائادەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئەزەلى سائادەتنى كۆرسەتسە،ساختا ياكى گۇمانلىق سائادەت ئاخىرلىشىدىغان دۇنياۋى سائادەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىككىنچى تۈر سائادەتنىڭ نە ھەقىقەت نە چىنلىق بىلەن ھېچ بىر مۇناسىۋىتى يوق. ئەكسىچە باتىل ۋە ئازغۇنلۇق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ مەنبەسى پەزىلەتسىز خاتا دىننىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلىماتلىرىدۇر. شۇنداقلا فارابىغا نىسبەتەن پەزىلەتلىك دىن پەيغەمبەرلىككە يەنى ۋەھىيگە تايانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەقىقىي سائادەت ئاتا قىلىشىدىن سۆز قىلىشىمىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ كۆپتۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا پەزىلەتلىك دىن ئىلاھى بىر دىن بولسا، ئەلۋەتتە پەزىلەتسىز دىننىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى كېرەكلىكتۇر.

 

فارابى جەمئىيەتنى مۇكەممەل جەمئىيەت ۋە يېتەرسىز جەمئىيەت شەكلىدە ئىككىگە ئايرىغان بولۇپ، دۆلەتلەشكەن ۋە شەھەرلەشكەن جەمئىيەت مۇكەممەل جەمئىيەت قاتارىغا كېرىدىغان بولۇپ، يېتەرسىز جەمئىيەت كىچىك-پارچە گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان يېزا-قىشلاق، مەھەللە-ناھىيەگە ئوخشاش مەدەنىيلىشىش ۋە شەھەرلىشىشكە تولۇق ھالەتتە ئۆتمىگەن خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئاخىرىدا ئەسلىتىش ۋە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى؛جەمئىيەت ۋە دۆلەت چۈشەنچىسىدە ئىبنى خەلدۇنمۇ فارابىدىن تەسىرلەنگەن بىر پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ قۇرغۇچى ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە خەلق ئارىسىدا ئىش تەقسىماتىنىڭ كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى «مۇقەددىمە» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىپ، جەمئىيەتسىز ھايات پەلسەپەسىنىڭ قۇرۇلالماسلىقىنى تەكىتلىگەن ئاساستا فارابى، ئارىستوتېل ۋە ئەپلاتونغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئۈچ پەيلاسوپنىڭ جەمئىيەت چۈشەنچىسى بىر-بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە جەمئىيەتلىشىش بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

جەمئىيەتشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى

يۇقىرىدا فارابىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت پىكىرلىرى ھەققىدە توختالدۇق؛ تۈۋەندە قىسقىچە بىر ئابزاستا فاراربىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

فارابىنىڭ دىن ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتىدا ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «ئەلمەدىنەتۇل فازىلە» (پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى) ئومۇمەن پەلسەپە، خۇسۇسەن مېتافىزىكا، سىياسەت، ئەخلاق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە؛ «ئەل مىللە» (دىن ھەققىدە) ناملىق ئەسىرى دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتى، سىياسەت ۋە ئەخلاق ھەققىدە؛ «ئەس سىياسەتۇل مەدەنىييە» «دۆلەت سىياسىتى» پەزىلەتلىك ۋە پەزىلەتسىز شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ دىنى، ئەخلاقى ھەققىدە؛ «فۇسۇلۇل مەدەنى» سائادەتنىڭ ئىزاھى، پەزىلىتى ۋە سۇلتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرلەر فارابىنىڭ سىياسەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مېتافىزىكىغا ئائىت چۈشەنچىلىرىنىڭ مەجمۇئەسى بولۇپ، مەزكۇر كىتابلار بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە ياكى كەم قالغان يەرلەرنىڭ تەپسىلاتىغا كىرىپ تولۇقلايدىغان ماھىيەتتە بولۇپ، ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

خاتىمە

يۇقىرىدا فارابى پەلسەپەسىنىڭ سىياسەت ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت قىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي خەرىتىسىنى پەلسەپە ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرگەن ئاساستا قىسقىچە سىزىپ بېرىشكە تېرىشقا بولساقمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىق قىسمىنىڭ كالام ۋە شەرىئەتكە ئوخشاش باشقا ساھەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەپسىلىي كىرىلمىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شەھەر ۋە شەھەرلىشىش نەزەرىيەسى نۇرغۇن تەپسىلاتلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى يېنىدا پەزىلەتسىز (10 تۈرلۈك) شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالى ئومۇمىي بايان قىلىنغان بولسىمۇ، تەپسىلىي بايانىغا كىرىلمىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن جەمئىيەتنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سائادەتنىڭ بىلىم ۋە دىن بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ۋە جەمئىيەت ئىش تەقسىماتى مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.

 

ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.    Prof. Dr. Mustafa Tekin, Din Sosyolojisi, 2. Baskı, Rağbet Yayınları.

2.    Fatih TOKTAŞ, Fârâbî’nin Kitâbü’l-Mille Adlı Eserinin Takdim ve Çevirisi, Divan Dergisi.

3.    Farabi, Mutluluğun kazanılması, İş Bankası Yayınları.

4.    Farabi, El-Medinetü’l Fazıla, Litera Yayıncılık.