روھنىڭ روزىسى: ئېتىكاپ

روھنىڭ روزىسى: ئېتىكاپ

 

ئاپتورى: ئىمىنجان  تاشمۇھەممەد

 

ماددا ۋە روھتىن  يارىتىلغان ۋۇجۇدىمىز نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن يېمەك —  ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلىنىشقا، ئۆزىگە ماس تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا موھتاج بولغىنىدەك، ھەرخىل ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە، ئىنساننى مەھلىيا قىلىدىغان پاساتچىلىقلارغا تولغان، تولا ۋاقىتلاردا دىنىي ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلەردىن مەھرۇم قىلىدىغان دۇنيا ھاياتىدىن ئىبارەت شەيتان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگاھتا، روھىمىز ۋە ئىمانىمىز ھەر ۋاقىت تەربىيەلەشكە، مەئ‍سىيەت كىرلىرىدىن پاكىزلاشقا، شۇنداقلا تۇپراقتىن يارىتىلغان ھايۋانىي تەبىئەتتىن يىراقلىشىپ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشقا ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇشقا مۇھتاج. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ماددىي ئىېھتىياجلىرىمىزنىڭ يوللىرىنى، سەۋەبلىرىنى ۋە رىزىق خەزىنىلىرىنى  ئېچىپ بەرگەندەك، روھىمىزنى تەربىيەلەش ئۈچۈنمۇ بىر يىلنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتلىرىدا، ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەرنى ھازىرلاپ بەرگەن. مانا بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى روزا تۇتۇش ۋە قىيامدا تۇرۇش ئېيى بولغان رامىزان ئېيىدۇر.

 

كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، قىسقىسى دۇنيا مەئىشەتلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش قەلبىمىزدىكى دۇنيا مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، ئاللاھ بىلەن بولغان مەنىۋىي مۇساپىمىزنى يىراقلاشتۇرىدۇ. تەقۋالىق ئوزۇقىمىز خوراپ كېتىدۇ. ھېكمەت ساھىبى ئاللاھ بىر يىللىق خوراپ كەتكەن تەقۋالىق  ئوزۇقىنى تولۇقلىۋېلىشىمىز، ئاللاھ بىلەن بولغان مەنىۋىي مۇساپىنى يېقىنلاشتۇرىشىمىز، دۇنيا مۇھەببىتى، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋەتلەر بىلەن قارىداپ كەتكەن قەلبلىرىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن قايتا نۇرلاندۇرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇبارەك رامىزان ئېيىنى بىزگە ئاتا قىلدى. شۇنداقلا بۇ روھنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشى، دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ ئاللاھنىڭ مەئىيىتىنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس  قىلىشىمىز ئۈچۈن روھ ۋە قەلبلەرنىڭ روزىسى، قەلبىمىزنىڭ ھەج تاۋابى بولغان ئېتىكاپنى ھەدىيە قىلدى.

 

  • ئېتىكاپ يېڭى پەيدا بولغان ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشۈرۈلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانىي سۈپەتتىن ۋەھىي قوبۇل قىلالايدىغان يۈكسەك سالاھىيەتكە كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن ئادا  قىلىپ كەلگەن، ئۇنتۇلغان ياكى تەرك ئېتىلگەن بىر ئىبادەت شەكلى.
  • ئېتىكاپ، ئەھمىيىتى ۋە مەنپەئەتىنىڭ كاتتىلىقى بىلەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى، ھايات مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىشى زۆرۈر بولغان ئىبادەت بولۇپ، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر، سالىھ كىشىلەر ئېتكاپ ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىگە سالاھىيەت ھازىرلىغان؛ مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلەن مۇناجات قىلىش ئۈچۈن 40 كۈن تۇر تېغىدا ئېتىكاپتا تۇرغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھىرا غارىدا ئېتىكاپتا تۇرۇش ئارقىلىق، بۇتپەرەسلىك، جاھالەت دەۋرىنىڭ ناچار ئەخلاقىنى تۈزىتىش، ھەق ئىلاھنى تېپىش ۋە كائىناتنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى، يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىنسانلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن  كېيىنمۇ  سەۋەپسىز ھېچقاچان ئېتىكاپنى تەرك ئېتىپ باقمىغان. پەقەت بىرقانچە قېتىملىق غازاتتىلا ئىلاجىسىزلىقتىن ئېتىكاپقا كىرەلمىگەن ئىدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە ئېتىكاپكا كىرەتتى. ئەڭ ئ‍اخىرقى رامىزان ئېيىدا 20 كۈن ئېتىكاپقا كىرگەن ئىدى. بىر قېتىملىق ئېتىكابىنىنىڭ قازاسىنى شەۋۋال ئېيىدا قىلغان ئىدى.

سەرۋى كائىنات پەيغەمبىرى پۈتۈن ئۈممەتنىڭ كېلەچىكى، دەۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا قارىماي يەنە ئېتىكاپكا كىرەتتى. چۈنكى ئېتىكاپ مۆمىنىڭ روھى مىئ‍راجى ئىدى.

 

  • ئېتىكاپ پەيغەمبەرلەرگىلا خاس ئەمەس، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىمۇ ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن نېسىۋىسىنى ئالغان ئىدى.  ھەزرىتى مەريەم ئانىمىز پەيغەمبەر بولمىسىمۇ ئاللاھنىڭ سالىھە بەندىلىرىدىن ئىدى. ئۇ مىھراپتا ئېتىكاپكا كىرەتتى. بۇنىڭ بەدىلىگە  ئاللاھ تەئەلا ئۇنى  ئ‍ۆز ھۇزۇرىدىن يېمەك -ھېچمەك بىلەن رىزىقلاندۇرغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدىن زەكەرىيا ئەلەيھىسساممۇ ھەيران قالغان ئىدى.

 

  • ئېتىكاپ ئۈممىتى مۇھەممەدىيە ئۈچۈن سۈننەت ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سەلەپ سالىھلىرىمىزمۇ پەيغەمبەر مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئېتىكاپنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېتىكاپنىڭ مەقسىتى  ۋە  ھېكمىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«ئېتىكاپ قەلىبلەرنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇشى، ئاللاھ ھوزۇرىغا جەم بولۇشى، ئاللاھ بىلەن خىلۋەتتە تۇرۇشى، پۈتۈن مەخلۇقاتلاردىن ئۈزۈلۇپ، پەقەت ئاللاھ بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىشى، ئاللاھ مۇھەببىتىنى قەلبلەرنىڭ بارلىق غېمىغا ئايلاندۇرۇش، بارلىق غېمى ئاللاھ بولۇش، بارلىق  تەسىراتلىرى ئاللاھنى زېكىر قىلش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش،  قانداق قىلغاندا ئاللاھقا يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى  ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مەخلۇقاتلار بىلەن ئۇنسى-ئۇلپەت قىلىشنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ بىلەن ئۇنسى-ئۇلپەت بولۇش، قەبرىدىكى ئاللاھتىن باشقا ھەمراھ يوق بولغان، ئاللاھتىن باشقا خۇرسەن قىلغۇچى يوق بولغان شۇ يالغۇزلۇق كۈنلەر ئۈچۈن ئاللاھنى ھەمرا تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىشتۇر. مانا بۇ ئېتىكاپنىڭ ئەڭ چوڭ مەقىسىتى ۋە غايىسىدۇر».

شۇنداق، ئېتىكاپ نۇقۇل ھالدا ئۆزىمىزنى مەسجىدكە سولاپ، ھايات مەيدانىدىن  ئايرىلىش بولماستىن، دۇنيا ھاياتىغا كۈنۈپ كەتكەن ۋۇجۇدىمىزغا چەكلىمە قويۇپ،  قەلبىمىزنى ئاللاھنىڭ مەئىيىتىگە  ھازىرلاش مەقسەت قىلىنغان ئىبادەت شەكلى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ قەلب ۋە روھنىڭ ئىبادىتى. ھەربىر مۆئ‍مىننڭ راببى بىلەن مۇناجاتلىشىدىغان مېيقاتى. تاللانغان بەندىلەرنىڭ ھىرا غارىدۇر.

بەندە ئېتىكاپ ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بىرگە بولۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ، يالغۇز ھالدا ئاللاھنىڭ تەۋبە داستىخانىسىدا مېھمان بولۇپ، مەغفىرەت مېۋىلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. رەھمەت سوۋغىتىغا نائ‍ىل بولىدۇ. ئاللاھقا موھتاجلىقىنى نامايەن قىلىپ، بۇ ھايات يولىدا ئاللاھنىڭ ئىنايىتىسىز، ياردىمىسىز ماڭالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېتىكاپقا كىرگۈچى ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن زىكىرگە تەشنا قەلبلەرنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرسا، دۇنيا مەئىشەتلىرى بىلەن دۇغلىشىپ، قارىداپ كەتكەن قەلبىنى تەۋبە، تەقۋالىق ۋە ساپ ئىمان بىلەن قايتا نۇرلاندۇرىدۇ. قەلبىدىكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە بىناسىنى ئۆرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەقۋالىق قەلئەلىرىنى بىنا قىلىدۇ.

ئاللاھنىڭ  زېكرىدىن، ئاللاھ بىلەن ئۇنسى-ئۇلپەت بولۇشتىن  مەھرۇم بولغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە  پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشسىمۇ يوقالمايدىغان بىر يوقسۇزلۇق مەۋجۇد بولىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جامالىنى  كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ.      

بۇ خىل دۇنيالىق يوقسۇزلۇق، ئاخىرەتلىك مەھجۇبىيەت ئازابىدىن پەقەت ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، مۇئەييەن ۋاقىت ئاللاھ  بىلەن خىلۋەتتە بولۇش بىلەنلا قۇتۇلغىنى بولىدۇ. شۇڭا قەلبلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن بىرگە بولۇشى، ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن  ئارام تېپىشى ۋە قەلبنى مەشغۇل قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن تولۇق ئۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا ئېتىكاپتىن ئىبارەت كاتتا بىر ئەمەلنى ئۆزىنىڭ خاس بەندىلىرىگە ھەدىيە قىلغان ئىدى. بۇ پۇرسەتنى چېڭ تۇلالىغان، غەنىيمەت بىلگەن كىشىلەر قەلبىدىكى ۋەھشەتتىن، غېرىپلىقتىن قۇتۇلۇپ ساغلام روھ، كۈچلۈك ئىمان، يېتەرلىك تەقۋالىق سەرمايىسى بىلەن يېڭى ھاياتقا يۈزلىنەلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نۇرلۇق جامالىدىن ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايدىن ھوزۇر ئالغاندەك چەكلىمىسىز ھوزۇرلىنالايدۇ.

 

  • ئېتىكاپ مەسجىدلەرگە چېدىر تىكىپ نەپسىنى تارچىلىقتا، خىلۋەتتە قىيناش ئەمەس، بەلكى زامان، ماكان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ، تارىخقا ئايلانغان ئۆتمۈشىمىزدىكى سالىھ ئەمەللىرىمىز، گۇناھلىرىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىش، يېراق كەلگۈسىمىز ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتۇر.
  • ئېتىكاپ تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن مەسجىد مېھرابلىرىدا تۇرۇش بولسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن تەپەككۇر مېھرابلىرىدا تۇرۇپ ئاللاھنىڭ كاتتا قۇدرىتى، مەخلۇقاتلىر ، ئۈستىمىزدىكى نېئ‍مەتلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ھېس قىلىشتۇر. بۇ كاتتا نىئ‍مەتلەرنىڭ بەدىلىگە مەسئۇلىيىتىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، مەسجىد مىھرابىدىن كەڭ كائىناتقا نەزەر تاشلاپ ئۆزىمىز ۋە كائىنات ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇش ھەرىكىتىدىن ئ‍ىبارەت. ئېتىكاپقا كىرگۈچى ئېتىكاپ جەريانىدا كەلگۈسى ئ‍ۈچۈن مۇكەممەل ئىبادەت پىلانى، ياشاش ئۇسلۇبى ھازىرلايدۇ. ئۆتمۈشىنى خۇلاسىلەپ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئېتىكاپ دۇنيا تېرىكچىلىكى جەريانىدىكى تېنىمسىز ئالدىراشلىق، مال-دۇنيا قوغلىشىش، چارچاشلارغا مەھكۇم بولغان ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىلاھي پۇرسەت ھېساپلىنىدۇ.

ھەقىقەتەن مەلۇم مۇددەت  ھەرقانداق تاشقى تەسىردىن قۇتۇلۇپ ئ‍ۆزى ۋە كائىنات ھەققىدە ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش دىنىمىز بۇيرىغان، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن توغرىلىقى ئىسپاتلىغان سۇنماس ھەقىقەتتۇر. دىنىمىز مانا بۇ پۇرسەتنى ئايلارنىڭ سۇلتانى، قەلبلەر پاكلانغان، ئىنسان راببىگە ئەڭ  يېقىن بولغان رامىزان ئېيىغا، بولۇپمۇ 84 يىللىق ئىبادەتكە باراۋەر بولغان قەدىر كېچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاخىرقى كۈنلەرگە  تەقسىم قىلىپ، ئېتىكاپنى ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە قىلغان.

  • ئېتىكاپ نەپسىمىزنى تەربىيەلەيدىغان قىسقا مۇددەتلىك مەدرىسە؛ قەلبىمىزدىكى رىياخۇرلۇق، ھەسەت ۋە شەيتان ۋەسۋەسىلىرىنى ... ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق قەلب كېسەللىرىنى داۋالايدىغان قەلب ئ‍وپراتسىيەسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «ۋۇجۇدىمىزدا بىر گۆش بار، ئەگەر ئۇ ساغلام بولسا پۈتۈن بەدىنىمىز ساغلام بولىدۇ، ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدىنىمىز بۇزۇلىدۇ،  ئۇ بولسىمۇ قەلب» دېگەن ئىدى. قەلبىمىزدە ۋە روھىمىزدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئىنسان ھاياتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدۇ.  ئېتىكاپ بىزگە قىسقا مۇددەتتە بۇ خىل ئۆزگۈرۈش پۇرسىتى بېرەلەيدۇ.

ئائىلە ياكى جەمئىيەتنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرگەنلەر، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئىسلاھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، ئۆزى ياشىغان مۇھىتنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلغانلار، ئ‍ۆز تەقدىرىگە جەڭ ئېلان قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن، ياكى بىزدەك بىر مىللەتنىڭ دەردىنى يەلكىسىگە ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى يۈكلىگەن بىر مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن ئېتىكاپ، روھىمىزنى پاكلايدىغان، ئاللاھقا دەرتلىرىمىزنى شىكايەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. شەھىد سەيىد قۇتۇپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىر جەمئىيەتكە تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان بىر روھ ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت يالغۇز خىلۋەتتە  ياشاش، زېمىننىڭ باشقا مەشغۇلاتلىرىدىن، دۇنيانىڭ بارلىق چوڭ - كىچىك غەملىرىدىن تولۇق ئۈزۈلۈش  بەكمۇ زۆرۈردۇر». ئۇلۇغۋار ئىنسانلار تارىختىن بۇيان يالغۇز ئىستىقامەت قىلىش، يالغۇز پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىرادىسىنى تاۋلاپ، مەنىۋىيىتىنى بېيىتپ كەلگەن.

ئەي جەمئىيەتتە ئىزتېراپ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەزىز ياش قېرىندىشىم! قىسقا مۇددەتلىك ئېتىكاپ تەربىيىسى ئارقىلق ئىزتىراپلىق ھاياتتىن قۇتۇلۇڭ! ئۆتمۈشىڭىز، بۈگۈنىڭىز ۋە كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن ئويلىنىڭ! قەلبىڭىزدىكى سىقىلىش، راھەتسىزلىكلەردىن ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھنى زېكىر قىلىش بىلەن غالىپ كېلىڭ.

ئەي دىن ۋە  مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىنسان! سىزدىنمۇ بۈيۈك، سەرۋى كائىنات پەيغەمبىرى ئېتىكاپ بىلەن كۈچلەنگەن، ئېتىكاپ بىلەن بۇ ئۇلۇغۋار غايىنىڭ سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئىدى. سىزمۇ ئ‍ۇنىڭ يولىنىڭ  ۋارىسى بولۇڭ!

ئەي ئاللاھ رامىزان ئېيىغا مۇشەررەپ قىلغان ئاللاھنىڭ ئەزىز بەندىسى! رامىزان ئېيىدىكى ئەڭ شەرەپلىك ئىبادەت بولغان ئېتىكاپ مەدرىسىسىگە ئوقۇغۇچى بولۇڭ! رامىزاندا يۈكسەلگەن روھىڭىز ئېتىكاپ بىلەن كامالەتكە يەتسۇن!

ئەي ئېتىكاپ قىلىۋاتقان قېرىندىشىم! ئېتىكاپتا يالغۇزلۇق ھېس قىلماڭ! سىز يالغۇز ئەمەس. سىز بارچە مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تۇرىۋاتىسىز. سىز مىليونلىغان ئىنسانلار ئىچىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىشقا مۇيەسسەر بولغان ئەزىز ئىنسانسىز! پەخىرلىنىڭ!

 

2022- يىل 4- ئاينىڭ 25- كۈنى