قايغۇ-ھەسرەت خۇشاللىققا بىشارەت
ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىدا ھالسىرىغان، تۇرمۇشنىڭ ئېگىز-پەس داۋانلىرىدا قايمۇققان، ھىجران ۋە ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق ئازابلىرىدا ئۇھسىنىۋاتقان قېرىندىشىم! قايغۇرماڭ! (إن مع العسر يسرا). ھەر قىيىنچىلىققا ئاسانلىق، ھەر قايغۇغا خۇشاللىق، ھەر زۇلمەتكە يورۇقلۇق قوشكىزەكتۇر. ھەر كېچىنىڭ بىر ساباھى، ھەر زىمىستاننىڭ بىر باھارى بار، ئەلۋەتتە. غەم- قايغۇ ۋە ئازاپ- ئوقۇبەت ئىنساننىڭ جىسمانىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، روھىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ. ئالەملەرنىڭ ۋە ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىمىز بىز بىلەن بىللە ئىكەن؛ قايغۇرماڭ! دەردىڭىز بولسا دەرتتىنمۇ بۈيۈك رەببىڭىز سىز بىلەن بىللىدۇر. #ئىلىميار #ياشلار #ئىسلام #ئۇيغۇر #قايغۇ—ھەسرەت #قىيىنچىلىق #ئىمان #ئىلىميار_ياشلار_گۇرۇپپىسى