ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇڭ، غەمدىن خالاس بولۇڭ

چىن ئىشىنىمەنكى، قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىدىن ھەزەر ئەيلىگەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ۋە بارلىق ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىر لەھزىمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان ھالدا، ھاياتلىق قاينىمىغا دادىل قەدەم باسقان كىشىلەر ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر. شەكسىزكى، بەختلىك ھاياتنىڭ سىرى ئاللاھ تائالانى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا يۈرەكتىن باغلىنىشتۇر. بارچە غەمكىنلىك، قورقۇنچ، قىيىنچىلىق، ۋەسۋەسە، چارىسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ ياردەم تىلەش بىلەن ھەل بولىدۇ. شۇڭا «ئاللاھنى تاپقانلار نېمىنى يوقىتىپتۇ؟ ئاللاھنى تاپالمىغانلار نېمىگە ئېرىشىپتۇ؟» دېيىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتى ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش بىلەن، ئاخىرەتنىڭ لەززىتى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامى بىلەن بولىدۇ. بىز ئاللاھ تائالاغا ئىنتايىن بەك موھتاجمىز. بىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئېھتىياجىمىز جانلىقلارنىڭ ھاۋاغا، بېلىقلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ئوخشايدۇ.

ۋابا، تەبىئىي ئاپەت، مۇستەملىكە، ئۇرۇش دېگەندەك بەختسىزلىكلەر داۋاملىشىۋاتقان، بولۇپمۇ ئەزىز خەلقىمىزنىڭ بېشىغا تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر جەۋر- زۇلۇم كەلگەن مۇشۇ زاماندا ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئۇنىڭ يولىغا كىرىش، ئۇنىڭغا يۈرەكتىن باغلىنىش، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش ئارقىلىق ئېزىلگەن دىللىرىغا تەسەللى، سولغۇن چىرايلىرىغا تەبەسسۇم، دەردلىرىگە داۋا، قىيىنچىلىقلىرىغا چىقىش يولى ئىزدەش ھەربىر ئەقىللىق مۇئمىننىڭ تاللىشى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىندۇر، ئۇ بىزنىڭ دەردىمىزنى تىڭشايدۇ، مۇناجاتىمىزنى ئاڭلايدۇ، دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇشىتۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا يېقىن بولغانلار مۇرادىغا يەتكەن. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى ۋەھشى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغان، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى توپان بالاسىدىن قۇتقۇزغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتا كۆيۈشتىن ساقلىغان، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى كىتنىڭ قارنىدىن ساق چىقارغان، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دېڭىزدا غەرق بولۇشتىن ساقلىغان، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىغان، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بارلىق ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىغان، مۇئمىنلەر ئۆز دىنىغا سادىق بولغان، ئۇنى ھاياتىنىڭ بارچە ساھەلىرىدە تولۇق ياشاتقان زامانلىرىدا، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسلىرىدىن ساقلىغان ۋە قوغدىغان زاتتۇر. زامانىمىز دەل ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ دىنىغا قايتىش زامانىدۇر.  أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئاللاھنى ياد ئەتكەندە ۋە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت (قۇرئان ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا) دىللىرى ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟» .

«ئاللاھسىز ھايات جەھەننەمدۇر» دېگەندەك، ئاللاھ تائالانى تونۇماي ياشىغان ھايات ئىزتىراپلىق ۋە ئازابلىق ھاياتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك بولسا باياۋاندا گاڭگىراپ يۈرگەنگە ئوخشايدۇ. «ئىنساننىڭ ئەڭ مەنىلىك ۋە ئەڭ گۈزەل ۋاقتى ئۇنىڭ زىكىر بىلەن ياكى دۇئا بىلەن ياكى ئىبادەت بىلەن ياكى شۈكۈر بىلەن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا دۇنيالىق ئىشلىرىدىن بىرەر ئىش بىلەن ياكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىلەن ۋەياكى خەلقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىدۇر» .